«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «2024- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىلگىرىلەش قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، يېڭى سۈپەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى»، دەپ كۆرسىتىلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار يېڭى بىر يىلدا كۈچ ئۇلاپ قايتا ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى داۋاملىق پۈتۈپ، شىنجاڭچە ئۆزگىچىلىك، ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، 10 چوڭ كەسىپ توپىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسەتتى.