ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
19:37:50 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىننىڭ سايلام چارىسى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى (لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

 يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 544 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 506 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ 16 نىزامىنى، نىزام خاراكتېرلىك قارار- بېكىتمىسىدىن ئوننى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نىزامىدىن يەتتىنى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقتى، تەستىقلاشقا يوللانغان نىزامدىن 39نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى؛ «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 17 مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلىدى، توققۇز قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، تۆت قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش، 13 تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇردى. دائىمىي كومىتېت يەنە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بىر يىلدا، دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم قوللانما، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ كۈچلۈك، نەتىجىلىك بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇپ، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئادىللىق ۋە ئۈنۈمگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، سوت قىلىشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن تاۋلاپ چىقىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 1 مىليون 3200نى قوبۇل قىلىپ، 919 مىڭ 200نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 9161 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 8507 نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى. كەڭ كادىر- ساقچىلار باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈردى. يېڭى بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، دېلولارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىپ، مەھكىمىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ساداقەتنى تاۋلاش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەھكىمىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىل مەھكىمە قۇرۇپ بەخت- سائادەت يارىتىش، ئىسلاھات ئارقىلىق مەھكىمىنى كۈچەيتىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش، مەھكىمىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ پولاتتەك قوشۇن تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئادا قىلىپ، تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 100 مىڭ 86نى بېجىردى، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكى دېلوسىدىن 44 مىڭ 888نى، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا دېلوسىدىن 4766نى بېجىردى. 2025- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى بېجىرىش» ئاساسىي قىممەت ئىنتىلىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى «ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» خىزمەت نىشانىغا قويۇپ، ئىقتىدار، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125