ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇش كېرەك
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئىقتىساد ساھەسى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن بەرگەن دوكلاتنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتەك ئەمەلىيەتچىللىكى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. يېڭى بىر يىلدا كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، ئەقىل- پاراسەت توپلانغان، ئالاقىسى كەڭ بولغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇزاكىرىدە، ئەركىن تۇنىياز ليۇ چېڭ، شياۋ جىخەي قاتارلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ 12 ئەزاسىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىدە كۈچلۈك ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردىمى زور. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى تەكلىپ، ياخشى مەسلىھەتلەرنى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرىدۇ.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ھەرگىزمۇ ئاسانلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىي مىقدار بىلەن سۈپەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئىستېمال بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پىكىر يولى ۋە چارە- تەدبىر بىلەن تەمىنلەشكە، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ «ھەممىسى بولۇش»تىن «ھەممىسى ئەلا بولۇش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. پۇقراۋى ئىگىلىكنى ھەقىقىي زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىچىلار دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دائىملاشقان ھۆكۈمەت- كارخانا ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، سىياسەتنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك كارخانىلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ دادىل ئىشلىشى، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىشى، يۈرەكلىك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.
جۇ لىفەن، ليۇ خۇيجۈن، جىن جىجېن بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.