ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2- يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لايىھەنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.