2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
20:05:29 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى 

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى يېشىپ چۈشەندۈردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش» بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ يېشىپ چۈشەندۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جوۋ شۈيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تۆت جەھەتتىكى ۋەزىپە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، مالىيە- باج، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شۈ خۇڭيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالغا سىلجىتىش تەدبىرلىرى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچەپ، مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش؛ يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، چوڭ- چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى «ئون تور»نى تېز بەرپا قىلىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق بىلدۈردى: تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىمىز. بۇ يىل بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، «ئون تور» تۈر تىزىملىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىمىز. چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئىشلەپ، بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتقىلى بولىدىغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈر مەبلىغى، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت سىغىمى قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز.

 «<كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش>تا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە 1 مىليارد جىڭ ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شيې يىڭجوۋ مۇخبىرنىڭ بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىشەنچكە تولدى.

 شىنجاڭنىڭ ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو −− ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو − قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئوبلاست- رايون ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 211 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۇيجۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىدىكى يارقىن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى: 2024- يىلى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 302 مىليون ئادەم قېتىم، ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 359 مىليارد 542 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %14 ۋە %21 ئاشتى. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، قار- مۇز ساياھىتى، خاس ساياھەت مەملىكەت بويىچە «بىرىنچى سەپ»كە كىردى، ھازىر قار تېيىلىش مەيدانىدىن 101ى، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدىن بەشى بار بولۇپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ. «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە سىجىل ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن توردىكى تارقىلىش مىقدارى 26 مىليارد قېتىمغا يېقىنلاشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125