جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭ جۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى نامايان قىلىندى، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، پىكىر يولى رەتلىنىپ، ئۇلۇغۋار پىلان پىلانلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر ئۈچۈن «بۇيرۇق تاپانچىسى» ئېتىلدى، بۇ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەنگەن، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2024- يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يارقىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
جاڭ جۇ ئەزالارغا ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئەزالارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ھازىر، ئۈرۈمچى دەل «ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان، ئاستا ئىلگىرىلىسىمۇ چېكىنىپ كېتىدىغان» تەرەققىيات بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان، كەسكىن ئىش كۆرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە يېتىپ كەلدى. جەمئىيەت تەرەققىياتى داۋامىدا يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەر ھەم يۈزلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە چىڭ قادىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرىدىغان، قاتلامغا ئايرىپ تۈگىتىدىغان، پۈتۈن جەريانى ئاشكارا بولغان زىددىيەت، ماجىرالارنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك؛ تىجارەت- سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رېئال ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
جاڭ جۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەرقايسى ئەزالار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كەڭ ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، «خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەرىكەت يۆنىلىشى قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ۋاڭ گاڭ، ھەسەنجان ئەخمەت مۇزاكىرىگە قاتناشتى.