خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
20:45:28 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار يۇغۇرما تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى جاسارەت بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ مائارىپ ساھەسى، پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن- تېخنىكا ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار يۇغۇرما تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى جاسارەت بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك.

 مۇزاكىرە نەق مەيدانىدا شياۋ ۋېنجياۋ، دىڭ باڭۋېن، بۇئامىنە سىيدەخمەت قاتارلىق ئەزالار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ پات- پات ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

 خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يىل، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، پۇرسەت تېپىلغۇسىز، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان. مائارىپ ساھەسى، پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە قوللىنىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 خې جۇڭيوۋ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرىنىڭ ئەھۋالىنى تۆۋەنگە، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جارۇللا ھېسامىدىن، شۈ شيەنيى مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125