ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىككى يىغىن ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ۋە مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى
20:49:11 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى داۋاملىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

 تيەن شياڭلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ساھەسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا ئەزالار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيەسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك كېڭىشىش ۋاسىتىلىرى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تايانچ قىلىپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ پائال ئاتلىنىش كېرەك. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قارالمىنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، رېئاللىققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش ئىللىقلىققا تولغان، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش يۈكسەكلىكى بولغان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنىڭ سالمىقى بولغان، ئىستراتېگىيەلىككە، دەۋر خاراكتېرىگە، ئىجادچانلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ، ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «15- بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى تېز بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى كۆپلەپ تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ۋاڭ جيەنشىن مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى كېڭەيتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەت ئىشلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ۋە خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش كېرەك. بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك.

 يۈسۈپجان مەمەت تېببىي دورا- سەھىيە ساھەسى، تەنتەربىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، بىر تەرەپتىن ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، بىر پارچە ئەلا نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى. ئۇ ئەزالارنى يېڭى بىر يىلدا ئۆز ساھەسىدە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇملۇق ۋە مەركىزىي خىزمەت قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، سىياسىي كېڭەش مەسئۇلىيىتىنى شۇ يەرگىچە ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى»نى «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇشقا؛ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەدبىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ئېلزات ئەخمەتجان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش چوڭقۇر بولۇپ، 2024- يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن خىزمەت نەتىجىلىرى توققۇز جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، 2025- يىلىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەر ۋە كونكرېت تەدبىرلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، پىكىر يولى ئېنىق بولۇپ، ئاممىغا يېقىن، خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە قىزىق نۇقتىلىق تېمىلار توغرىسىدا ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەت، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەرقايسى ئەزالار كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەھكەم مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكۈچىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

 قادېن كەبىن قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئەتراپلىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، يۆنىلىشچانلىققا ئىگە، بۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ھەرقايسى ۋەكىللەر دوكلاتتا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك. 2025- يىلى ئاپتونوم رايون «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15- بەش يىل» ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، دوكلاتتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

 (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، جاڭ لېي، ياڭ شۇخەن، لۇ فېڭباۋ، رېن جياڭ، گو چيەن، جاڭ جىلى، ۋېي يۇڭگۇي، يۈ جياڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125