ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىدا 1047 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى
20:53:37 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، لى ياڭ) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)نى قاراپ چىقتى. 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 16گە قەدەر، يىغىندا جەمئىي 1047 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى.

 يىغىن مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ پىكىر- تەكلىپ بېرىپ، ئەزالارنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.

 يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر مەركەزلىك ھالدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. يىغىندا تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ سۈپىتىدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125