چېن مىڭگو ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
21:04:29 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چېن مىڭگو ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2024- يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل دوكلات بوپتۇ، خىزمەتلەرنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

 چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىردەك تىرىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرىدە شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقى نامايان قىلىندى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولدى، خەلق ئاممىسى ئەڭ ئارزۇ قىلغان بىخەتەر، ئازادە جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچلۈك، غەيرىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى.

 چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

 چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى توپلىشى كېرەك؛ چوڭقۇر كەسپىي ساپاسى ۋە جەمئىيەتتىكى كەڭ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتتە پائال يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك.

 پەن شى، نۇرۇم ئىسمايىلقان قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125