ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 16- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
20:57:27 2025-01-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 1- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 16- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، پىلان ۋە خامچوت دوكلاتى ھەم لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈردى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى تولۇق مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125