شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئومۇمىي بايان ماقالىسى تارقاتتى
«كەڭ زېمىندا پاك، دۇرۇس كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش − 2024- يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئىجرا قىلغانلىقى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان»
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى «كەڭ زېمىندا پاك، دۇرۇس كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش − 2024- يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئىجرا قىلغانلىقى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق ئومۇمىي بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» «تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك»...
2024- يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلام- دەرىجىلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلدى. يىغىندىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالما 2024- يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش بولدى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل.
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر ۋاقىت ھوشيار ۋە تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش ئىرادىسى، قايتا- قايتا تۇتۇش، قايتىلىنىشنى تۇتۇش غەيرىتى، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قىلچە توختاپ قالماي كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىش؛ توسمىنى مۇستەھكەملەپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى توسمىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
2024- يىلى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %94.9 ئامما مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى» بارغانسېرى جۇلالاندۇرۇلدى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات- تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىپ، جەزمەن ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سەگەكلىك بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قىلچە توختاپ قالماي چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك كۈچ قوشىدۇ!