ئالدىراڭ! ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ ھەقسىز بېلىتىگە يەنە ئېرىشىش پۇرسىتى كەلدى!
18:16:03 2025-01-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ باھار بايرىمىلىق چوڭ تىپلىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ ھەقسىز بېلىتىگە چەك تارتىپ ئېرىشەلمەي قالدىڭىزمۇ؟ ئۈمىدسىزلەنمەڭ! يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بار! ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىز تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ھەم ئۇزاقتىن بۇيان ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا كېچىلىكى بېلەت تالىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تالىشىش پائالىيىتىدە  10 نەپەر تەلەيلىك تورداش ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىپ، بېلەتنى نەقلەشتۈردى. 

 ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باھار بايرىمىلىق چوڭ تىپلىق ناخشا كېچىلىكى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى (شەنبە) كەچ سائەت 9دا بىڭتۇەن 12- شى «1- ماي» يېڭى رايونى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزىدە (十二师五一新区文体中心) ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ 199 يۈەنلىك بېلىتىدىن بۇ قېتىم يەنە 10 بېلەت تەييارلىدۇق، بېلەتكە ھەقسىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى «开始抽奖» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ پائالىيەتكە قاتنىشىڭ (چەك تارتىشقا قاتنىشىش ۋاقتى 1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18گىچە). تەلىيىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ!

يۇقىرىدىكى سۈرەتنى چىكىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ


 پائالىيەتكە قاتنىشىپ ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشىپ قالسىڭىز، بېلەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈنگەن كۆرۈنمە يۈزدە، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۇچۇرىنى (兑奖信息) تولدۇرىدىغان چاغدا، نەق مەيدانغا بېرىپ ئويۇننى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، كىملىك نومۇرى،  تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ! تىزىملاتقان ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

 ئەگەر مۇكاپات چىقمىغان بولسىمۇ مەيۈسلەنمەڭ، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

 «غەربىي يۇرت ئاۋازى (西域之声)» بېلەت ئىشلىرى كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

 تور سىرتىدا بېلەت سېتىش ئورنى:

شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى

 شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى (دەرۋازا نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى)غا بېرىپ ياكى ئۈرۈمچى ھەردەمباغ مېھمانخانىسى بىرىنچى قەۋەت چوڭ زالدىن بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، تور سىرتىدا بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتى: 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 8گىچە. تور سىرتىدىكى 24 سائەتلىك بېلەت سېتىش تېلېفونى: 18196904515

بېلەت سېتىۋېلىش خەرىتىسى

 ناخشا مەستانىلىرىنىڭ بېرىپ- كېلىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسى ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

 1. تىيانشان رايونى داۋەن جەنۇبىي يولى ئاممىۋى قاتناش باش بېكىتى فېيسۈي ۋەنكى مەيدانى 

 2. سايباغ رايونى بالوۋ 2- يول ئاپتوبۇسى يوقلىما قىلىش ئورنىنىڭ يېنى

 3. يېڭىشەھەر رايونى تۆمۈريول ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيى ئالدىدىكى مېترو بېكىتى B چىقىش ئېغىزى يېنى 

 مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: 17799737515

 ھەر قايسى ئابۇنىچىلارنىڭ ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىگە رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا ئېسىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرىمىز، دىققىتىڭلار داۋاملىق ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا بولسۇن!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125