دەم ئېلىشنى بىرلىكتە تىنچ-ئامان ئۆتكۈزەيلى، باھار بايرىمىلىق بۇ ساياھەت ئەسكەرتمىسىگە دىققەت قىلىڭ ←
16:04:15 2025-01-22 تىيانشان تورى

 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەڭ ساياھەتچىلەرگە مۇنداق ئەسكەرتتى: 
     1. ساياھەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش 
 ● بېسىپ ئۆتىدىغان جاي ۋە مەنزىلنىڭ ھاۋارايى، قاتناش ئەھۋالى ھەم ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالى ۋە بېلەت زاكاز قىلىش تەدبىرىنى ئالدىن ئىگىلەپ، قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش، ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، ساياھەت لىنىيەسى ۋە ۋاقىتنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، زۆرۈر بۇيۇملار ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئالدىن تەييارلاش كېرەك. 
 ● تىجارەت سالاھىيىتى بار ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللاش، ئېچىلمىغان، بىخەتەرلىك كاپالىتى كەمچىل رايونلارغا بارماسلىق كېرەك. 
 
 چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتا مەنزىلنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا بارماسلىق كېرەك. 

 2. بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش 
 
 ساياھەت جەريانىدا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى، خەۋپ-خەتەر ئاگاھلاندۇرۇشى، ساياھەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ، ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. 
 
 ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەت، سۇ ئۈستى، سۇغا چۆكۈش، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى تۈرلەرگە قاتنىشىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، قاتناشقاندا بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇش، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك. 

 3. سەپەر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش 
 
 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سەپەرگە چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە بېزىندە تاقاش كېرەك. 
 
 سەيلە- ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرغاندا، بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىش، زۆرۈر قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنمىگەن سەيلە- ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرماسلىق كېرەك. 
 
 ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە چىققاندا، ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈش، ناچار ھاۋارايىغا يولۇققاندا سەپەرنى ۋاقتىدا تەڭشەش، زۆرۈر تېپىلغاندا تېيىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىش، يول بېرىشكە دىققەت قىلىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

 4. ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش 
 
●  مېھمانخانىغا كىرگەندە، جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىۋېلىش، سافادا، كارىۋاتتا يېتىپ تاماكا چەكمەسلىك، تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. 
 
 مەنزىرە رايونى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان- سارايلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارلىق سورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى ۋە تۈرلۈك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشىگە بويسۇنۇش كېرەك. دالا پائالىيىتىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 

 5. مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش 
 
 قانۇن- نىزام ۋە ئاممىۋى تەرتىپكە، ياخشى ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. مەيدان- سارايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا دائىر ئەسكەرتمىگە ئەمەل قىلىش، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار- ئەتىقىلەرنى قەدىرلەش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. 
 
 باشقىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ماجىرالارنى ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە مەنزىرە رايونىدىكى ئادەم ئېقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان كۈتۈپ تۇرۇشقا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. 
 
 «تاماق ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇھىت ئاسراش، تېجەشلىك بولۇش، تۆۋەن كاربونلۇق ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125