ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش ئەمدى ئاسانلىشامدۇ؟
18:19:30 2025-01-22 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى دوۋيىن نومۇرى

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ 2024-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە بولغان پىلان پىروگراممىسى» كەلگۈسى ئون يىلدىكى پۈتكۈل دۆلەت مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمىسى ھېسابلىنىدۇ. 

 ھازىر كۆپ ساندىكى جايلاردا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، بۇ قېتىمقى پىروگراممىدا دۆلەتنىڭ سىياسەت قاتلىمىدىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ بايلىقىنى داۋاملىق كۆپەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بايلىقى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

 لېكىن كۆپچىلىكنىڭ يەنە كۆپ خىل ئېھتىياجى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

 بەزىلەر ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپتە ئوقۇشنى، بەزىلەر پەن ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، يەنە بەزىلەر يەنىلا كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى ئويلايدۇ. ئەمدى بىز پىروگراممىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى يېڭى ئاچقۇچلۇق سۆزگە قاراپ باقايلى، بىرى «ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ»، يەنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش. يەنى ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال مەكتەپكە كىرىپ، بىر مەزگىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاندىن كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇستەقىل تاللىسا بولىدۇ. بۇ خىل يېڭى ئەندىزە قوللىنىلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر سىچۇەن قاتارلىق جايلاردا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. يەنە بىر يېڭى سۆز «تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تەقسىملەش»تىن ئىبارەت. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايوننى ئېلىپ ئېيتساق، خېنەن شىنجېڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بارلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بېكىتىلىپ، نومۇر تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى تەڭ تەقسىم قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مائارىپنىڭ نىسپىي تەڭپۇڭلۇقى شىنجېڭ شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125