ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
1- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ) ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باتۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 523 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 498 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ گاۋ جياڭخۇەينىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى» ۋە باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.
يىغىندا تولۇق پىكىرلىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلىپ، شى گاڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، رېن چېڭ باش كاتىپلىققا، جۇاڭ شۇجۈن، جاڭ شۈ، جاڭ خۇاجۇڭ، گاۋ جياڭخۇەي دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. ئارقىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپىنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق ئەزالار ۋە يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىتتىپاق، دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. بارلىق ئەزالار دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تۈرلۈك دوكلات، قارارلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «14- بەش يىل»نى تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى پىلانلاشنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى؛ بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىندا كونكرېت «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىممىتىنى نامايان قىلىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىلدى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە سىڭىشىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشىمىز، يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. سادىق روھنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك؛ جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى تېخىمۇ رەڭدار پۈتۈپ چىقىش كېرەك. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنىڭ مەركىزىي ھالقىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش دەۋر تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەركەزداش چەمبەرنى تېخىمۇ چوڭ سىزىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ھەربىي رايون، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، 11- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ قوماندانلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.
يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.