ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:54:06 2025-01-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى بىر يىلدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

1- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.        ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2025- يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ياخشى پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 بايىنغولىن ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاراپ چىقىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى، ھەرقايسى ۋەكىللەر پائال مۇزاكىرە قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى. لى جۇڭخۇا، لا سىرۇڭ، تۇنىساگۈل ئەخەت، شۈ مىن، پەرھات قاسىم، ئىمىن ياسىن ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلىپ، بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەم بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، ئىشەنچ ئۈستىدە توختالدى، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى روشەن، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش شارائىتى، ئاساسى، ئىقتىدارى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەپەككۇرنى كېڭەيتىپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز تەرەققىياتىنى پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە قويۇپ كۆزىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىشلارنى بىر- بىرلەپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، بايىنغولىن ئوبلاستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنى يېتەكلەپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەر، زىددىيەت- ماجىرالارنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا سىڭىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى بولۇپمۇ دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى. بىرىنچى، ئىشنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش كېرەك. ھۇرۇنلۇق خاھىشىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىجتىھات بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون، ساھەنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاشنىڭ ئىلمىيلىكى، تۈجۈپىلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش كېرەك. «ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيدىغان» خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پىلان تۈزگەندە ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەش، مەشغۇلات جەريانىدا ئىنچىكە، دەل ۋە ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەر، ھەرقايسى ھالقىلار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تەرەققىيات ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئاساسىي قاتلام ئارزۇ قىلىۋاتقان، خەلق رايىنى مايىل قىلىدىغان خىزمەتلەرنى كەم- كوتسىز ھالدا پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا تۇتۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن كەڭ قورساقلىق ۋە مەنزىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم دەپ بىلىپ، پۇختا، ئەستايىدىل، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 قادېن كەبىن، دۇ خۇڭيەن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125