ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3- يىغىن ئۆتكۈزدى
20:05:22 2025-01-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3- يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ پىلان لايىھەسى، خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پىلان، خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىننىڭ سايلام ئىشلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

 يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ نامزات كۆرسىتىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 24كىچە بولۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125