(2025- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.
1- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 16 گىچە جەمئىي 1047 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. تەكلىپ خىزمىتى نىزامى ھەم تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 525 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، قوشۇۋېتىلىپ بىرلەشمە ئىمزالىق تەكلىپ قىلىنغىنى 74 پارچە، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇلغىنى 81 پارچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان خەت 321 پارچە، ئەنگە ئېلىنمىغان تەكلىپ 46 پارچە بولدى. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 221 پارچە بولۇپ، %42.1نى ئىگىلىدى، سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 45 پارچە بولۇپ، %8.6نى ئىگىلىدى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 57 پارچە بولۇپ، %10.9نى ئىگىلىدى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 142 پارچە بولۇپ، %27نى ئىگىلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 60 پارچە بولۇپ، %11.4نى ئىگىلىدى. ئەزالار سۇنغان تەكلىپ 326 پارچە بولۇپ، %62.1نى ئىگىلىدى، پارتىيە- گۇرۇھ، تەشكىلات قاتارلىقلار كوللېكتىپ سۇنغان تەكلىپ 199 پارچە بولۇپ، %37.9نى ئىگىلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى. بىرىنچىدىن، تەكلىپ يىغىش ئۇسۇلى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يىغىندىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تەكلىپلەرنى يىغىش، قوبۇل قىلىش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش خىزمەت تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەكلىپنى يىغىندىن بۇرۇن توردا تاپشۇرۇش تاماملاندى. ئىككىنچىدىن، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالاقىدار تەكلىپلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنى، ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ھەمدە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى بىر تۈركۈم مۇھىم نەتىجىلەر تەكلىپكە ئايلاندۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش كۈچەيتىلدى. تۆتىنچىدىن، پارتىيە- گۇرۇھ، تەشكىلات قاتارلىقلار كوللېكتىپ سۇنغان تەكلىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا بولدى، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ تەييارلىقى تولۇق، تەشكىللىشى كۈچلۈك بولۇپ، تەۋسىيەلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى. بەشىنچىدىن، دىققەت مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. ئەزالار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېمىنى سەرخىل تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈشىنى نامايان قىلدى.
يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە مەركەزلىك تاپشۇرۇلىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەكلىپ سۇنۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ سۈپىتىدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈلۈپ بېجىرىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.