ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 28- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
20:43:09 2025-01-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 1- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 28- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى (لايىھە)نى بىرتۇتاش قاراپ چىقتى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە نىزام (لايىھە)نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

 ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى نىزام (لايىھە)نى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇنچىلىق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ئەستايىدىل رەتلەش، مۇھاكىمە قىلىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىزام (لايىھە)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام (لايىھە)غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125