(2025- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، يىغىندا قىلىنغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بىرلەشمە گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى چوڭ پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى، زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات توغرىسىدىكى ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. يىغىن رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، ئېزىز مۇسا بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، سايلام ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ئەركىن تۇنىياز بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى، ئەزالار بۇ دوكلاتلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى. بارلىق ئەزالار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە كۈچلۈك بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆز قىلىش، گۇرۇپپىدا مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىن ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ بىر قېتىملىق بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىتتىپاق- دېموكراتىك بولغان، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن يىغىن بولدى.
يىغىن مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن بولدى. كەڭ ئەزالار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
يىغىن مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئىتتىپاقلىشىش، كەڭ بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ھەم تەكلىپ بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى.
يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى، بولۇپمۇ 13- ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل- پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش- ھەمكارلىشىش، ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەرىكەت جەھەتتە قەدەمنى بىردەك ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشكە پائال قاتنىشىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەۋزەللىكى، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى تولۇق كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭقۇر ئىزدىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاشلىق، پاختا ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. «20 خەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدار ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىنى تەكىتلەش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.
يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!