1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا) 1- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش»دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى 2025- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90ى بويىچە بېكىتىلىدۇ. 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى بىر تۇتاش مۇنداق تەڭشەلدى: 1- دەرىجىنىڭ ئېيىغا 1863 يۈەن؛ 2- دەرىجىنىڭ ئېيىغا 1701 يۈەن (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئېيىغا 1710 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ)؛ 3- دەرىجىنىڭ ئېيىغا 1575 يۈەن. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1521 يۈەندىن ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1713 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 192 يۈەن كۆپەيتىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)