تۆت ئەۋلاد داۋاملاشقان چوڭقۇر مىللەتلەر مۇھەببىتى
12:29:03 2025-01-23 ئانار بۇلۇت \ «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى

 ئائىلە بىلەن دۆلەت قەدىمدىن تارتىپ بىر پۈتۈن گەۋدە. دۆلەت بولغاندا، ئاندىن ئائىلە بولىدۇ، ئائىلە ۋە دۆلەت گۈللىنىدۇ. بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاللىقاچان ھەممە ئائىلىلەرگە سىڭىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناھايىتى يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى نۇرغۇن تارىخىي داستانلارنى قالدۇردى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈشى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتىكى ئۇلغا ئايلاندى.

 2024- يىلى  كۈزدە، گاۋ سەيپىڭنىڭ ئۆمرىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالدى.

 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 352 نەمۇنىلىك كوللېكتىپ، 368 نەمۇنىچى شەخس تەقدىرلەندى. ئارىلىقى مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۇيسۇ بازىرى ئەرشىلى كەنتىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ھويلىسىدا، ئەمدىلا «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» نامىغا ئېرىشكەن گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇتەللىپ سۇلتانخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ، تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

 يېقىندا، گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «بىر كۈرە ئارپا تۆت ئەۋلاد مۇھەببىتى» سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا سەييارە قويۇلدى، بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھەببىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

 جاننى قۇتقۇزغان بىر كۈرە ئارپا

 ئەرشىلى كەنتىدە، قاتار- قاتار سېلىنغان يېڭى ئۆيلەر دەل- دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلاتتى، قاتتىقلاشتۇرۇلغان تۈپتۈز يوللار ئۆيلەرنىڭ ئالدىغىچە بىۋاسىتە تۇتاشقان بولۇپ، ئىناق، گۈزەل بولغان يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

 گاۋ سەيپىڭ ۋە ئېرى جاڭ جيەنشىن بالدۇرلا ئورنىدىن تۇردى، ئۇلار ئىنىسى مۇتەللىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «ئىنىمىز پولۇغا ئامراق، گۆشنى بۇرۇنراق قازانغا سالغاچ تۇرايلى».

 مۇتەللىپ، ئېرىسقان سولتاخاننىڭ ئىنىسى بولۇپ، ئېرى جاڭ جيەنشىن ئېرىسقان بىلەن فامىلىسى ئوخشىمايدىغان ئاكا- ئۇكا بولۇشقاندىن باشلاپ، گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئېرىسقاننىڭ ئىنىسىنى ئۆز ئىنىسى دەپ بىلىپ، قويۇق باردى- كەلدى قىلىپ، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ئورناتتى.

 ئىككى جەمەتنىڭ دوستلۇقىنى 90 نەچچە يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

 1929- يىلى، قەھرىتان قىش مەزگىلى بولۇپ، سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتەتتى. باركۆلنىڭ چاڭجياجۇاڭزىدىكى بىر ئېغىز پاكار ئۆيدە، ئىلاجىسىز قالغان بىر ئانا بالىسىنىڭ قىزىپ كەتكەن پېشانىسىنى سىلاپ، يەنە بىر قېتىم ئېرىگە تەلمۈرۈپ قاراپ: «نۇرخاسىن، يەنە بىرەر ئامال قىلىپ بېقىڭ. ئۆيدە قازان ئاسالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالدۇق، بالىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراڭ، يەنە بەرداشلىق بېرىۋەرسە قانداق بولار؟» دېدى.

 «ئارىيەت ئالغۇدەكلەردىن بىر قۇر ئارىيەت ئېلىپ بولدۇم، بۇ يىللاردا ھەممە ئادەمنىڭ كۈنى تەس تۇرسا، مېنى يەنە قەيەردىن ئارىيەت ئال دەيسەن؟» ئورۇق، ۋىجىك كەلگەن ئەر بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى.

 شىۋىرغاندا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. كەلگەن كىشى بىر خالتىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى: «ئىنىم، ئاڭلىسام بالا ئاغرىپ قاپتۇ، بالىنى كۆرگىلى كەلدىم، ئۆيدە ئېلىۋالغۇدەك باشقا نەرسە يوق، پەقەت ئازراق ئارپا باركەن، بالىغا يېگۈدەك بىرەر نەرسە قىلىپ بېرىڭلار».

 بۇ بىر كۈرە ئارپىنى سۇنغىنى جاڭ جيەنشىننىڭ بوۋىسى جاڭ پەنگۇي بولۇپ، ئۇ نۇرقاسېن پازىل بىلەن باي ئائىلىسىدە بىرگە يىللىقچى بولۇپ ئىشلەپ تونۇشۇپ قالغانىدى. «بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە، ئۇلار دائىم بىللە ئەمگەك قىلىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك بولۇپ قاپتۇ. ئۇ چاغلاردا، ئۇلارنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققى پەقەت بىر كۈرە ئارپا بولۇپ، دائىم ئەتىگەن يېسە چۈشكە يوق بولىدىكەن، نۇرقاسېننىڭ بالىلىرى كۆپ بولغاچقا، دائىم ئاشلىقى ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن» دېدى جاڭ جيەنشىن.

 بۇ بىر كۈرە ئارپىنىڭ نۇرقاسېن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەھرىتان قىشتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردىمى بولغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككىيلەن قول بېرىشىپ فامىلىسى ئوخشىمايدىغان ئاكا- ئۇكا بولۇشقان، ئىككى تەرەپ، ھەربىر ئەۋلادنىڭ چوڭ ئوغۇللىرى ئاكا- ئۇكا بولۇشىدۇ، ئاكا- ئۇكا بولۇشقاندا يەنە بىر ئالاھىدە مۇراسىم ــــ بىر سىقىم ئارپىنى ئورتاق بىر قۇتىغا سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن.

 كېيىن، نۇرقاسېن ئائىلىسىدىكىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ياقا يۇرتلارغا كەتكەن، جاڭ پەنگۇيمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئېلىپ بىرنەچچە قېتىم كۆچكەن. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، نۇرقاسېن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى جاڭ پەنگۇينى ئىزدەش بولغان ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرشىلى كەنتىدە تۇرۇپ قالغان.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جاڭ پەنگۇينىڭ ئائىلىسىگە يەر تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، تېرىلغۇ كالىسى بولمىغاچقا، دائىم ئېتىزدا بىر يىل ئالدىراش ئىشلەپمۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمىغان. نۇرقاسېن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ تۇياق كالا ئاپىرىپ بەرگەن، «شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولدى، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى جاڭ پەنگۇينىڭ ئوغلى جاڭ جىشياڭ ئەسلەپ.

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، نۇرقاسېننىڭ ئوغلى سۇلتانخان جاڭ پەنگۇينىڭ ئوغلى جاڭ جىشياڭ بىلەن فامىلىسى ئوخشىمايدىغان ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇشۇپ، بىر- بىرى بىلەن باردى- كەلدى قىلىش داۋامىدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بارغانسېرى يېقىن بولۇپ، دوستلۇقىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەنگەن.

 1975- يىلى 6- ئايدا، نۇرقاسېننىڭ خوتۇنى كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، چارۋىچىلىق رايونىدا داۋالىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. جاڭ پەنگۇي بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى جاڭ جىشياڭغا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ داۋالىتىشنى ئېيتقان. «ئىلگىرى دادامدىن بۇ ئىشنى ئاڭلىغانىدىم، ئەينى چاغدا جاڭ بوۋام 80 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ھەر كۈنى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن مومامنى ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، كېسىلىنى كۆرسىتىپ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇپتۇ، بۇ ئىش تاكى مومامنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىپتۇ» دېدى مۇتەللىپ ئەسلەپ.

 كېيىن، نۇرقاسېن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىگە كۆچۈپ كەتكەن، گەرچە ئارىلىقى 100 نەچچە كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېرىش- كېلىشى ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، جاڭ جيەنشىن بىلەن ئېرىسقان ئارپىنى قۇتىغا سالغان، بۇ دوستلۇق سۇ كەلسە ئېرىق ھاسىل بولغاندەك، 3- ئەۋلادقىچە داۋاملاشقان.

 قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا يەنە كۈچ ئۇلىنىپ، ھېكايە يەنە داۋاملاشقان، ئەمما بۇنىڭغا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشتەك يېڭى ئىچكى مەزمۇن قوشۇلغان.

 تۆت ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان دوستلۇق

 گاۋ سەيپىڭ يېڭى توي قىلغان 2- كۈنى، ئېرى جاڭ جيەنشىننىڭ: «بىر سىقىم ئارپا بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە بىر ئائىلىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ» دېگەن ئاشۇ سۆزى تا بۈگۈنگىچە ئېسىدە.

 جاڭ ئائىلىسىدىكى ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ قەلبىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى سۆز- ھەرىكىتىدىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارغىچە يىلتىز تارتقان.

 ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، كاللىسى ئۆتكۈر جاڭ جيەنشىن يۈك توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى كۆپ پۇل تاپتى، مۇتەللىپ ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سەپكە قوشۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.

 1998- يىلى 10- ئايدا، بىر قېتىملىق ئۇزۇن يولغا ماڭىدىغان سەپەر جەريانىدا، مۇتەللىپنىڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، قوزغىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ، «شۇ چاغدا ئاپتوموبىل توختاپ قالغان جاي جاڭ ئاكىنىڭ ئۆيىگە ئون كىلومېتىرمۇ كەلمەيتتى، مەن پىيادە بېرىپ ياردەم سورىدىم، ئۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن گەپ- سۆز قىلمايلا تىراكتورىنى ھەيدەپ يۈك ئاپتوموبىلىمنى سۆرىتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدى» دېدى مۇتەللىپ. ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشتا زاپچاس كەمچىل بولغاچقا، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىر ئايدىن كۆپرەك رېمونت قىلىنغان، ئۇمۇ جاڭ جيەنشىننىڭ ئۆيىدە بىر ئايدىن كۆپرەك تۇرغان. «يەڭگەم ھەر كۈنى ماڭا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى، ماڭىدىغان چاغدا، ئۇلار يەنە قوي- كالىلارنى بېقىشىمغا لىق بىر ئاپتوموبىل يەم- خەشەك قاچىلاپ بەردى»، دېدى ئۇ.

 گاۋ سەيپىڭنىڭ قارىشىچە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك چوڭ ئىش يوق بولۇپ، ھەممىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان كىچىك ئىشلار ئىكەن، «مەن بۇ ئائىلىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن دائىم قېيىنئاتا- قېيىنئانامدىن ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كەلدىم. ئىككى بوۋام ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن».

 ئوغلى جاڭ شۈدۇڭ كۈندىن كۈنگە چوڭ بولۇپ، 4- ئەۋلاد مۇراسىمىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن. «بىز ئالايىتەن 2017- يىللىق دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تاللىدۇق، بەزىلەر دائىم مەندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ، كونىلاردا دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، دەيدىغان تەمسىل بار، ھەممە ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىگە ئەھمىيەت بەرسە، ھەممە ئاھالە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆزلىسە، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ئىشلارنى قىلسا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شۇندىلا پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇپ، بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ»، دېدى گاۋ سەيپىڭ.

 ئېرىسقاننىڭ ئوغلى قالىم ئېرىسقان بىلەن جاڭ شۈدۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياش پەرقى بار، لېكىن ئۇ بۇ ئاكىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. «مەن داشۆدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ياقا يۇرتتا يالغۇز ئىدىم، شۈدۇڭ ئاكام دائىم تېلېفون قىلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى، ئۇ توي قىلغاندا تېخى بىزنى خۇنەنگە بېرىپ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى»، دېدى قالىم.

 گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «بىر كۈرە ئارپا تۆت ئەۋلاد مۇھەببىتى»نى ئىجاد قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىش ئويىغا كەلدى. ئەمما، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپىنىڭ «بۇ بىر كۈرە ئارپا» غا بولغان تەسىراتى يەنىلا ئاخبارات خەۋەرلىرىدە توختاپ قالغانىدى.

 گاۋ سەيپىڭنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولدا، رېژىسسور ليۇ نېڭيى سەل دېلىغۇل بولۇپ قالدى، «بۇنداق داغدۇغىلىق ھېكايىسى يوق سېنارىيەنىڭ تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان- تەسىرلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؟» ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى، «مەن ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا ئۇزۇن ئۈستەل قويۇلغانلىقىنى، ئۈستەلگە ھەر خىل پېچىنە- پىرەنىك، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ تىزىلغانلىقىنى كۆردۈم، چۆرىدەپ بىللە ئولتۇرغان ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، يېقىنلىقىدىن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزى ئىدى». ليۇ نېڭيى ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىنى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەڭ ھەقىقىي ھېكايىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

 مانا بۇ «بىر كۈرە ئارپا تۆت ئەۋلاد مۇھەببىتى»نى ئىجاد قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش دەل مۇشۇنداق ھەربىر گۈزەل ئائىلە ئىستىلىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا كېڭەيتىلىشى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان.

 «باركۆل بىلەن ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، دوستانە ئۆتۈشتەك چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا داۋاملاشقان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئائىلىسىگىچە كېڭىيىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشتەك مەنىۋى ئىنتىلىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالغان». ليۇ نېڭيى مۇنداق دېدى: تىياتىردا، ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن قول بېرىشكەن چاغدا، ھەربىرى بىر سىقىمدىن ئارپىنى ئېلىپ كۈرەگە قويىدۇ، شۇ دەقىقە ئىنتايىن تەنتەنىلىك چىققان بولۇپ، بۇنىڭدىن تاماشىبىنلار تەسىرلىنىپلا قالماستىن، نۇرغۇن قېتىم رېپېتىتسىيە قىلغان ئارتىسلارمۇ ياش تۆكۈشتى.

 گاۋ سەيپىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: «قەلبىمنى سىزگە بەرسەم، بىز قېرىنداش ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىل بولىمىز، قەلبىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز بىز يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىمىز. پەقەت بىز كۆپچىلىك ئىتتىپاقلاشساقلا، تۇرمۇشىمىز خۇشال- خۇرام، كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ».

 كۇيسۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چەي يېچىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە، ئەرشىلى كەنتىدىكى 50 نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ مىللىتى ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغان كەنت ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، پۈتۈن بازاردىكى 572 جۈپ كادىر بىلەن ئامما قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، 691 جۈپ ئامما ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

 ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ

 سەككىز يىل ئىلگىرى، قايرات قابىل كەنتتە نامى چىققان «كونا، چوڭ، قىيىن» ئاھالە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ئۆي سېلىپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدى... «گاۋ سەيپىڭ ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھازىرقى ياخشى كۈنىمىز بولمىغان بولاتتى» ئۇ ئۇچرىغانلا ئادەمگە شۇنداق دەيتتى.

 ئەرشىلى كەنتىدىكى ئاممىنىڭ كىرىم مەنبەسى بىرلا خىل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پۇل تېپىش ئۈچۈن پاختا تېرىپ، ئاشخانىلاردا ئىشلەپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل مۇقىم كىرىمى يوق ئىدى.

 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان گاۋ سەيپىڭ نەزەرىنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى، كالا، قوي بېقىش ئەرشىلى كەنتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسى ئىدى. «كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ بىر- ئىككىدىن كالا، بىرنەچچە قوي بېقىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرنەچچە قويى، بىرەر كالىسىنى سېتىپ ئائىلىسىگە چىقىم قىلىشىمۇ ئادەتتىكى ئىش، ئەمما كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كەنتتە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ» دېدى گاۋ سەيپىڭ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي نەسلىنى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، كىچىك كۆلەمدە سىناق تەرىقىسىدە باقتى. كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا كالا، قويلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا %95تىن ئاشۇرۇپ، بېقىش مۇددىتىنى %10 قىسقارتتى.

 تەجرىبە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، گاۋ سەيپىڭ پۈتۈن كەنتتە كالا، قوي يېڭى نەسلى ھەم يۈرۈشلەشكەن ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ھەقسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن كەنتتىكى كالا، قوي نەسلىنى ياخشىلاپ، كۆپچىلىكنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يېڭى يولىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قايراتمۇ بار ئىدى.

 جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئەزەلدىن بىر- بىرىگە كوللېكتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، ھەممە ئائىلىلەر خاتىرجەم بولغاندىلا ئاندىن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بىر گەۋدە بولۇپ سەمىمىي ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ھەربىر كىچىك ئائىلىلەر كۈچكە تولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.

 تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان گاۋ سەيپىڭ «سەيپىڭ ئىشلەمچىلەر ئەترىتى»نى تەشكىللىدى. ئۈچ- تۆت ئادەمدىن 30- 40 ئادەمگىچە، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلار قامچىسىنى تاشلاپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، گاۋ سەيپىڭ رەسمىيەت بېجىرىپ، قاتناش ئاپتوموبىلى تەشكىللەپ، ئىشلەتكۈچى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن كۆپەيتتى.

 2012- يىلى، گاۋ سەيپىڭ «مېھرىبان ئانىلار» پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتىگە قاتنىشىپ، قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئامما توپىغا ياردەم بەردى.

 نۇربول توقان بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسى ھەم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ھەم چارۋا بېقىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. گاۋ سەيپىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نۇربول ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلتىماس قىلىشىغا، ئېغىر كېسەل بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى ئالاقىلىشىشىگە ياردەم بەردى.

 بىر كۈنى كەچتە، گاۋ سەيپىڭ ئادىتى بويىچە نۇربولنى يوقلاپ باردى، ئۆيگە كىرىپلا، ئۇنىڭ يەردە ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردى، نۇربول دوختۇرخانىدا ياتقان بىر ھەپتە ئىچىدە، گاۋ سەيپىڭ ئالدىراش ھالدا تاكى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

 «بىر ئادەمنىڭ كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، قىلالايدىغان ئىشىمۇ ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېدى گاۋ سەيپىڭ.

 «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، گاۋ سەيپىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتى بولدى. ئۇنىڭ بايقىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەر مىللەت ئاممىنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان، ئورتاقلىقنى قوزغىتالايدىغان «ئورتاق نۇقتا»نى تېپىش ئىكەن، «نوقۇل ھالدا مۇئەييەن مىللەت، رايون ھېكايىسىنى سۆزلەشكە قارىغاندا، مەن ھەر مىللەت جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق قاتناشقان، ئورتاق ئەجىر قىلغان جانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مەسىلەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى ئورتاق قوغداش ھېكايىسى دېگەندەك. گەرچە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش كەچۈرمىشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ھېسسىيات يادروسى بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، سېنىڭ- مېنىڭ دەپ ئايرىماي، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئورتاق ئىنتىلىش جەريانىدا ئورناتقان چوڭقۇر ھېسسىياتى بولۇپ، ئاللىقاچان قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ۋاقىت ئۇزارغانچە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ».

 شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالغاندا، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنى كېزىپ، مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن سەييارە كېسەل كۆرگەن جۇاڭ شىخۇادىن، يۈكسەك ئانىلىق قەلبى بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالغان ھەنىپە ئالىماخۇنغىچە، يەنە قايتا- قايتا خەتەرلىك شارائىتقا ئېتىلىپ كىرىپ 60 نەچچە كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئابلىز مەمەتنىيازغىچە... كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىللىق دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.

 جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى چوڭقۇر. ئۇلار «بىر كۈرە ئارپا تۆت ئەۋلاد مۇھەببىتى» توغرىسىدىكى ھېكايىگە ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىغا كەڭ تارقالماقتا، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالماقتا.

 (ليۇ مېڭمېڭ ماقالىسى)

 تەرجىمان: كامىل ئۆمەر

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125