مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى − ئىشنى ھەر بىر ئائىلىدىن باشلاش، ھەر بىر ئادەمدىن باشلاشتىن ئىبارەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىنى ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ ئىناق ئۆتۈش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.
2024- يىلى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» نامىغا ئېرىشكەن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۇيسۇ بازىرى ئەرشىلى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گاۋ سەيپىڭ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، ھەر مىللەت يۇرتداشلار ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدا داقا- دۇمباق چېلىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى، قازاق مىللىتىدىن بولغان قوشنىلار يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادىتى بويىچە خۇشاللىق ۋە بەخت تىلىكىنى بىلدۈرىدىغان «چاشىۋ» مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
گاۋ سەيپىڭ، بىر ئاددىي دېھقان ئايال، ئۇنىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيىتى يوق، ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قالتىس ئۇلۇغ ئىشىمۇ يوق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن قوشنىلار ۋە يۇرتداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالىدى؟ بۇ ئۇنىڭ ساددا، ئاق كۆڭۈل مىجەزى، باشقىلارغا قىزغىن ياردەم بېرىدىغان پەزىلىتىدىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاچارچىلىق يىللىرىدا جاننى قۇتقۇزغان «ئارپا»دىنمۇ قىممەتلىك بىر خىل ئائىلە ئىستىلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىدىن بولدى.
گاۋ سەيپىڭنىڭ ئېرىنىڭ بوۋىسى جاڭ پەنگۇي ئەۋلادىدىن باشلىنىپ، بۇ خەنزۇ مىللىتى ئائىلىسى «بىر كۈرە ئارپا» باغلىغان رىشتە سەۋەبلىك، بىر قازاق مىللىتى ئائىلىسى بىلەن 100 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان تۆت ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. ئاشۇ دانە- دانە ئارپىلار خۇددى دانە- دانە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تېرىلىپ ھەم ئۇزاق يىللار مابەينىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، ئاخىرىدا مول ھوسۇللۇق كەڭ دالىغا ئايلاندى. ئاشۇ ھەر بىر تال ئۇرۇقنى ئوزۇقلاندۇرغان تۇپراق «ئائىلە ئىستىلى» دەپ ئاتالدى.
ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇنداقلا ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلىدىغان ئەڭ ياخشى مىراس. خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغان كونا جەمئىيەتتە، جاڭ پەنگۇي ئائىلىسى غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بىر كۈرە قىممەتلىك ئارپىنى قازان ئاسالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان قازاق مىللىتىدىن بولغان قېرىندىشىغا سوۋغا قىلغان. بۇ بىر كۈرە ئارپا «مېنىڭ بىر چىشلەم يەيدىغان نەرسەم بولسىلا، سىزنىڭ ئاچ قېلىشىڭىزغا قاراپ تۇرسام بولمايدۇ» دېگەننى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى؛ بۇ بىر كۈرە ئارپا ئىككى مىللەت، ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق- تۇغقان بولمىسىمۇ، ئۇرۇق- تۇغقاندىنمۇ يېقىن بولغان چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسىنى ئورناتتى.
ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى دەرسخانا، ئاتا- ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. جاڭ پەنگۇي ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش، ھەققانىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشتە ياخشى باشلامچى بولدى. ئەڭ دەسلەپكى بىر كۈرە ئارپىدىن تارتىپ، ئىككى ئائىلىدىكى ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەر پۈتۈشكىنى بويىچە بىر سىقىم ئارپىنى بىر يەرگە قويۇپ قەلبداشلىقىنى ئىپادىلەپ، مېھىر- مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا بۇ ئاددىي ئائىلىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەۋلادلارنى ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلىمەكتە. ئائىلە ئىستىلى بىر خىل ئاۋازسىز تەربىيە بولۇپ، ئۇنىڭغا چەكسىز ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت يوشۇرۇنغان. 100 يىلغا يېقىن ئۈن- تىنسىز چىڭ ساقلاش بىزگە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»دىن ئىبارەت بىز دائىم ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزنىڭ ئەسلىدە بۇنداق كونكرېت ھەم جانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، بىزگە ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈشنىڭ دەل «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش»تىكى ئەمەلىيەت يولى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدۇردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاياللارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك.» جاڭ پەنگۇينىڭ نەۋرىسى جاڭ جيەنشىنگە ياتلىق بولغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان دائىم ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغاچقا، بۇ ئائىلىنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى گاۋ سەيپىڭنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى ئاڭلىق ھالدا ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئارپا ئارقىلىق رىشتە باغلانغان قازاق مىللىتىدىن بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپلا قالماستىن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دوستلۇقى مۇجەسسەملەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن پائال تەمىنلەپ، «سەيپىڭ ئىشلەمچىلەر ئەترىتى»نى تەشكىللەپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمنى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشۇردى. ئائىلە ئىستىلى توغرىسىدا، گاۋ سەيپىڭ بەلكىم چوڭ داۋلىلارنى سۆزلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاددىي- ساددا ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئىزاھلاپ بەردى.
ئائىلە ئىستىلى بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسى، شۇنداقلا بىر جەمئىيەتنىڭ قىممەت ئىخچام كۆرۈنۈشى. گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى باركۆلدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىختا، باركۆل ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلاشقان، ئالماشتۇرغان، يۇغۇرۇلغان جاي بولۇپ، سىغدۇرۇش ھەم توپلاشتەك مەدەنىيەت ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. باركۆل كۆلى توغرىسىدا مۇنداق بىر گۈزەل رىۋايەت بار: خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر قىز بىلەن پۇ لېيخەي ئىسىملىك قازاق مىللىتىدىن بولغان بىر ياش بىرلىشىپ كۆلگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان تاغ ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشقان، قىز ئۇچلۇق تاشلىق تاغ ئاستىغا باستۇرۇلۇپ تاشقا ئايلاندۇرۇلغان، قازاق مىللىتىدىن بولغان ياش تاغ ئالۋاستىسىنى بويسۇندۇرۇپ بىللە كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن. ئۇلار ھاياتى بەدىلىگە كېيىنكىلەر ئۈچۈن خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇچلۇق تاش تېغى باغرىدىكى بىرقانچە سۈزۈك بۇلاقنى «خەنگۇ بۇلىقى»، كۆلنى «پۇلېيخەي» كۆلى دەپ ئاتىغان. دەل مۇشۇنداق تارىخىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا، باركۆلدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئېجىل- ئىناق ئۆتكەچكە، يايلاق دوختۇرى ياڭ جۇڭشيەن، ئات ئۈستىدىكى سودىيە ماقسات زايىپ قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچى بارلىققا كەلگەن. 2022- يىلى، باركۆل يەنە 9- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايون، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى گاۋ سەيپىڭ ئائىلىسىنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ھەم بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى ياخشى ئائىلە ئىستىلى يارىتىشقا پايدىلىق، ياخشى بولغان ئائىلە ئىستىلىمۇ ئوخشاشلا جەمئىيەت كەيپىياتنىڭ ئالغا بېسىشىغا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت 56 مىللەتنىڭ بىرىمۇ كەم بولمىغان مۇشۇنداق بىر كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى خۇددى ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلاردەك جىۋىلىنىپ تۇرىدۇ: كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولدى، شىخو شەھىرىدىكى بىر بۆشۈكتە تۆت مىللەتتىن بولغان 30 بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى خاتىرىلەنگەن، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 640 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۈليۇ كوچىسىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان توققۇز مىللەتتىن بولغان ئاھالە تۇرىدۇ... ھەربىر تەسىرلىك ھېكايىنىڭ ئارقىسىدا، ئائىلە ئىستىلىنىڭ كۈچى تىرەك بولغان، ھەربىر كىچىك ئائىلىنىڭ ياخشى بولغان ئائىلە ئىستىلى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان.
ئۇيغۇرلاردا «ئالتۇن- كۈمۈش ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ھەقىقىي بەخت» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. قازاق مىللىتىدىمۇ «ئاكا- ئۇكىلار ئىناق ئۆتسە مىنەرگە ئېتى باردۇر، ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە يېيىشكە ئېشى باردۇر» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى − ئىشنى ھەر بىر ئائىلىدىن باشلاش، ھەربىر ئادەمدىن باشلاشتىن ئىبارەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىنى ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ ئىناق ئۆتۈش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.
(شېن ياپىڭ ماقالىسى)
تەرجىمان: كامىل ئۆمەر