ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى، زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى ۋە تۈرلۈك قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى
1- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 544 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 510 كىشى بولۇپ، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى ھەم نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلىپ، ۋاڭ جياڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا، لىن ۋېي ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.
ئارقىدىن، يىغىندا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا تۈرلۈك قارالما تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، ئورتاق نىشانى، ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقاتتى، بۇ، جەزمەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، تەدبىرلىرى قانۇن بويىچە بېكىتىلدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مۇھىم پىرىنسىپلارنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز، كېڭەيتىشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەكلىپ- تەۋسىيە خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى سىياسەت- تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تۆت ئورگان» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.