(2025- يىلى1- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدا دوكلات»نى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدا دوكلات»نى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.