شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى
20:14:32 2025-01-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 (2025- يىلى1- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025- يىلىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

 يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم قوللانما، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ مۇستەھكەم، قەتئىي بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياراملىق بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش جەھەتتە ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەپىرىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتيىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125