(2025- يىلى1- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى مەھكىمە باشلىقى دىلشات سايىم بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇننى قەتئىي تۈردە ئادىل يۈرگۈزۈپ، سوت قىلىشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە مەھكىمە قۇرۇش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەھكىمىنى گۈللەندۈرۈش، ئادىل مەھكىمە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق مەھكىمىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مەھكىمىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋامىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي ۋە مۇكەممەل بولۇشنى كۆزلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە يېڭى نەتىجە يارىتىش، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق، سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى- ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەپىرىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك!