(2025- يىلى1- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى باش تەپتىش گاۋ جىمىڭ بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىي بۇرچىنى چىڭ ئىگىلەپ، مەۋقەنى «پۇختا بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» خىزمەت نىشانىغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى، خەلق مەنپەئىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزىدىغان، قانۇنچىللىق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك!