شىنجاڭ 2025- يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
12:00:00 2025-01-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىلى، ئاپتونوم رايون جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىمدىن 6116نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 2- ئاينىڭ 10- كۈنى باشلىنىپ، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ؛ 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئاشكارە ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللار 1- ئاينىڭ 24- كۈنى شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http: //www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http: //rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http: //www.xjrsks.com.cn)دا ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىپ تۇرسا ھەم تورغا چىقىپ  سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز: بىرىنچى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، تور بېكىتىگە بالدۇر چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر تاللاپ تىزىملاتقان خىزمەت ئورنىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولسا، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنى جەدۋىلىدە ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلغۇچى ئورگان (ئورۇن)نىڭ سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىغا بىۋاسىتە تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

 ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا كونسۇلتاتسىيە كىتابلىرى كۆرسىتىپ بېرىلمەيدۇ، مەمۇرلار ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ياكى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئاپپاراتنىڭ بۇنداق كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنمايدۇ. نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك مەمۇرلار ئىمتىھانى كۇرسلىرى ۋە سېتىلىۋاتقان ئىمتىھانغا ئالاقىدار نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىسى يوق. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئىمتىھانغا ئاقىلانە تەييارلىق قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشىنى سورايمىز، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىسا، ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125