گۇڭئەن مىنىستىرلىقى باھار بايرىمىلىق تىرانسپورت شوپۇرلىرى، باھار بايرىمىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىدىغان شوپۇرلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى
1. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، چوقۇم يول قاتناش ئەھۋالى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىنى ئالدىن ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، قاتناش بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن باشقا ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىشنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
2. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ئاستا ماڭىدىغان يول بۆلىكىگە يولۇققاندا، سەۋرچان بولۇش، خالىغانچە قىستۇرۇلۇپ كىرمەسلىك كېرەك، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يولىنى ئىگىلىۋېلىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
ئەگەر قاتناش ھادىسىسى ياكى ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە، ئاپتوموبىلنى دەرھال يول بويىغا يۆتكەپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك.
3. شەھەر يوللىرىدا يول يۈرگەندە، ھەر ۋاقىت يول ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر سۈرئەتنى ساقلاش، بولۇپمۇ سىگنال چىرىغى يوق يول ئېغىزى ياكى پىيادىلەر توغرا يول سىزىقىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.