مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ياسىلىشى: تەبىئىي توسۇقنى راۋان يولغا ئۆزگەرتتى
13:53:17 2025-01-24 ئانار بۇلۇت \ «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى

 شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ساياھەت ھەۋەسكارلىرى، بولۇپمۇ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىق لىنىيە يولىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ كېلىدىغان «ۋاڭخۇڭ تاشيول» بولۇپ قالدى. لېكىن بۇ «ۋاڭخۇڭ تاشيول»نىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسىنى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك بولغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەينى يىللىرى يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر قار كۆچكۈنى، لاتقا- شېغىل ئېقىنى، تونېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش كۆپ يۈزبېرىدىغان قار- شىۋىرغانلىق ئېگىز تاغلاردا يىل بويى كۈرەش قىلىپ، جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەرلەرنى يېڭىپ، قان- تەر ئاققۇزۇپ، «توسۇق» داۋاندىن تونېل تېشىپ، ئەگرى- توقاي، خەتەرلىك داۋاندا راۋان يول ياساپ، ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ چوققىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى- شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەت يولى 217- لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۆلەك قىسمىدا بولۇپ، تىيانشاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن، «تىيانشان تاشيولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىمالدا قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىن باشلىنىپ، بايانغول، چورما، نارات يايلىقىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى كۇچا شەھىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر.

 دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەركەزنىڭ تەدبىرى

 1964- يىلى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭ تىيانشاندا ئۇرۇش تەييارلىقى قاتناش قۇرۇلۇشى، يەنى 07042 قۇرۇلۇشى ۋە 0603 قۇرۇلۇشى قىلىشنى تەستىقلىدى.

 07042 قۇرۇلۇشى كۈنەسنىڭ زېكتىدىن كۇچاغىچە بولغان تاشيول، يەنى كۈنەسنىڭ زېكتى ئارقىلىق ۋۇيىڭ، جامبۇ داۋىنى، كىچىك مۇز داۋان، كان كەنتىدىن ئۆتۈپ كۇچاغىچە بولغان تاشيولنى كۆرسىتىدۇ. 0603 قۇرۇلۇشى مايتاغ بايانغولدىن باشلىنىپ، مۆڭكۈت داۋىنى، ساربۇلاق، نىلقىدىن ئۆتۈپ غۇلجا دۆڭمازارغا بارىدىغان تاشيولنى كۆرسىتىدۇ. 0603 لىنىيەسىدىكىدىكى ساربۇلاقتىن زېكتىغىچە، يەنە تارماق لىنىيە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ ئىككى قۇرۇلۇش 1966- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭ تاشيول تەكشۈرۈش- لايىھەلەش ئورنى (ھازىرقى شىنجاڭ تاشيول پىلانلاش- تەكشۈرۈش- لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى) ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالتىنچى دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ لايىھەلىگەن؛ 1969- يىلى، قاتناش مىنىستىرلىقى (ھازىرقى قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى)نىڭ دۆلەت مۇداپىئە تاشيول قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش قىلىنغان. 1969- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى بويىچە بېجىرىلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «شىنجاڭ رايونى تىيانشانغا تايىنىپ، ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىشى، مۇستەقىل ئۇرۇش قىلىشى كېرەك.» 1970- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يەنە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن: «ئاپتونوم رايون، ھەربىي رايون كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تىيانشان ھەم ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىك رايونلارنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە مۇستەقىل ئۇرۇش قىلىدىغان، ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلىدىغان قىزىل تايانچ بازىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن ئىككى تۇەننى يۆتكىگەن ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق ئىشچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4- شى قۇرۇلۇش تۇەنىدىكى 3000 كىشىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا ماسلاشقان، ئەينى چاغدا ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ۋاقىت قىس ئىدى، ئاۋۋال قاتناش باشلاش، كېيىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئەڭ ئاخىرىدا 1972- يىلى قۇرۇلۇشنى تاماملىغان.

 1973- يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 07042 لىنىيەسىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى قىيپاش غەربتە بولۇپ قاپتۇ دەپ قاراپ، لىنىيەنى شەرققە يۆتكەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا يوللىغان. تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق لىنىيە 110 كىلومېتىر قىسقارتىلغان. 1974- يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بۇ لايىھەگە قوشۇلغان ھەم مەركەزگە يوللىغان. كېيىن يەنە قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا لىنىيە بېكىتىلگەن. ئادەتتىكى لىنىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىك تاشيول قىلىپ بېكىتىلىپ، 1966- يىلى ئۆلچەپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە قارىغاندا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ياسىماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

 1974- يىلى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «تىيانشان تاشيولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق»نى چۈشۈرۈپ، ھەربىي كومىتېت قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى 4- ئىش رايونىنى يۆتكەپ، 138-، 161-، 168- تۇەننى باشلاپ، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شىنجاڭغا كېلىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلغان. دۆلەت يول ياساشقا مەخسۇس ئاجرىتىپ بەرگەن ئاپتوموبىل ۋە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئارمىيە ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنى ئاساس قىلىپ، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللەنگەن، 4- ئىش رايونى ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇپ، بۇ يول قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغان. قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنە، زاپچاس ۋە ماتېرىياللارنى دۆلەت مەخسۇس تۈر بويىچە ھەل قىلىپ، كۆرسەتكۈچنى ئارمىيەگە ئاجرىتىپ بەرگەن، باش ئارقا سەپ بۆلۈمى ھەربىي كومىتېت قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى، ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپى بويىچە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىپ، ۋاكالىتەن تەمىنلەپ، دۆلەتكە راسچوت قىلغان.

 مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ياساش جەريانى

 1974- يىلى 5- ئايدا، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى 4- ئىش رايونى ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭغا كىرگەن، ئىش رايونى قوماندانلىق ئىشتابى شىخو ناھىيەسى (ھازىرقى شىخو شەھىرى)دە تەسىس قىلىنىپ، شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى رەسمىي ئىش باشلىغان. شۇ يىلى قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈش سۈپىتىدە مايتاغدىن جەنۇبقا 18 كىلومېتىر ئۆرنەك يول ياتقۇزۇلۇپ، ئاساسلىقى قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى تۇتۇلغان. 1975- يىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 7-، 8- ئىش رايونلىرى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان، يەتتىنچى ئىش رايونى تەلەمەت تونېلىدىن كۇچا بۆلىكىگىچە بولغان يول ئۇلى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان، 8- ئىش رايونى ناراتتىن تەلەمەت تونېلىغىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان. 1976- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسى كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ 2- ئىش رايونىدىكى تەخمىنەن 120 كىشى تەلەمەتنىڭ جەنۇبىدىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن لىنىيەدە قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، تەخمىنەن 18 مىڭ كىشى بۇنىڭغا قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقانلار تەخمىنەن 14 مىڭ كىشىگە يەتكەن. شۇ يىلى 3- ئاي ئارىلىقىدا، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى 4- ئىش رايونى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى 12- تارماق ئەترىتىگە ئۆزگەرتىلگەن، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قاتناش مىنىستىرلىقى ھەم ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى قىسمى رەھبەرلىكىدە، بارلىق تۈزۈملەر قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنغان. شىنجاڭ ھەربىي رايونى تىيانشان دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل قىلغان، قوماندانلىق ئىشتابى 12- تارماق ئەترەتنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى قىسمى ۋە 7-، 8- ئىش رايونلىرىنى قاتناشتۇرغان. ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنى 12- تارماق ئەترەت ئورگىنى قوشۇمچە باشقۇرغان. مايتاغ- كۇچا تاشيولى قۇرۇلۇشىدىكى ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن 1976- يىلى 1- ئايدىكى «تىيانشان تاشيولى قۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا تەستىقىي جاۋاب»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى ۋە ماشىنا رېمونت زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش خىراجىتى، ئۈسكۈنىلىرى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.» ھەربىي رايون ۋۇجياچۈدە زاۋۇت قۇرۇپ، خىراجەتنى تىيانشان تاشيولىغا سېلىنغان مەبلەغدىن چىقىم قىلغان. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، زاۋۇتنى يەنىلا ھەربىي رايون باشقۇرغان.

سۈرەت توردىن ئېلىنغان

 مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ياساش جەريانى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولغان. مايتاغ- كۇچا تاشيولى تىيانشاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، %70 لىنىيە تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىلارغا سوزۇلغان بولۇپ، ھەم نەق مەيداندا ئۆلچەش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان «ئاسما لىنىيە» دەپ ئاتىلىدىغان يەر بۆلەكلىرى، ھەم ئاپتوموبىللار ئۆتەلمەيدىغان سازلىق، نەم يەرلەر بار؛ ھەم كۆپ قېتىملىق قۇرۇلمىسى بۇزۇلغانلىقىدىن شەكىللەنگەن تۇراقسىز تاغ جىنسلىرى دۆۋىسى ۋە ئېگىز تاغ تىنمىسى، يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىدىن شەكىللەنگەن لاتقا- شېغىللىق ئېقىن بار بولۇپ، ھەم كۆپ كۆرۈلىدىغان قار كۆچكۈنى ۋە بوران- چاپقۇن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر دائىم يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. يول ياسىغۇچى كوماندىر- جەڭچىلەر پەسىل ئايرىماي، يىل بويى توختىماي قۇرۇلۇش قىلغان. ئۇلار يىل بويى قار كۆچكۈنى، لاتقا- شېغىللىق ئېقىن، تونېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش كۆپ يۈزبېرىدىغان قار- شىۋىرغانلىق ئېگىز تاغلاردا كۈرەش قىلىپ، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرنى يېڭىپ، قان- تەر ئاققۇزغان، ھەتتا تىك تاغ قىيالاردا تاغ ئېچىپ تاش يېرىشقا توغرا كەلگەن، نۇرغۇن بۆلەكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800 مېتىردىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 46 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ... مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ياسىغان كەڭ كوماندىر- جەڭچىلەر ۋە تېخنىك كادىرلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق جاسارىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ «توسۇق» داۋاندا تونېل تېشىپ، ئەگرى- توقاي، خەتەرلىك داۋاندا راۋان يول ياساپ، ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ چوققىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

 مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى مايتاغ- كۇچا تاشيولى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەھمىيەت بەرگەن، شۇ چاغدىكى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پېڭ دېچىڭ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ياڭ يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەمەت قاتارلىقلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نەق مەيدانغا كېلىپ، قىسىمنى يوقلاپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، قىسىملار ئەينى چاغدىكى ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن قىس بولغان شارائىتتا، ئالدى بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى قىسىملارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان، يەنە كۆپ قېتىم ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ھال سوراش ئويۇنى قويغان.

 1979- يىلى، مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغان، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 7-، 8- ئىش رايونلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇش قىلىشتىن چېكىنگەن. 11- ئايدا، قاتناش مىنىستىرلىقى ئىككىنچى نومۇرلۇق تونېلنى كېچىكتۈرۈپ ياساشنى ھەم ئوچۇق لىنىيەدە قاتناش باشلاش، ئوچۇق لىنىيەنى ئۈچىنچى دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياساشنى قارار قىلغان. 1980- يىلى، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ئەترىتىمۇ ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتە كۆۋرۈكنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن چېكىنىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن پەقەت 12- تارماق ئەترەتلا پۈتمىگەن قۇرۇلۇشنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە داۋاملىق تاماملىغان ھەم يول يۈزىگە ئاسفالت ياتقۇزغان. 1981- يىلى 11- ئايدا، بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك قاتناش ئۇرۇش تەييارلىقى يىغىنىدا، شۇ چاغدىكى دۆلەت قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن گۇاڭ مۇئاۋىن زۇڭلى ۋەن لىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئالاقىدار رەھبەرلەرنى يىغىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ئاسراش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغان ھەم مايتاغ- كۇچا تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، يىغىندى قار ئەھۋالىغا ئاساسەن پەسىل خاراكتېرلىك ئاسراش ئېھتىياجىغا قاراپ، 6 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يول ئاسراش ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان، 700 ئىشچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى تەستىقلاپ، ئۈچ يول ئاسراش ئۇچاستىكىسى قۇرۇپ ئاسراش ئېلىپ بارغان.

 دۆلەت مۇداپىئە تاشيولىدىن «ۋاڭخۇڭ تاشيول»غىچە

 ئەينى چاغدا قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئۆلچىمى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ نۇرغۇن يول بۆلەكلىرى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولۇپ، نەچچە ئون يىل ئاپتوموبىل قاتناش ھەم لاتقا- شېغىللىق ئېقىن، يىغىندى قار، ئۇششاق تاش، توڭ تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، كۆپ قېتىم قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان. 2008- يىلى 6- ئايدا، جەمئىي 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىش باشلاندى. 2012- يىلى ئۆزگەرتىپ ياسالغان مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيولغا ئۆستۈرۈلدى. 2019- يىلى ئاپتونوم رايون تەخمىنەن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىپ، لىنىيە بويىدىكى يول يۈزىگە سۇ سىڭىپ كېتىش، بۇزۇلۇپ يېرىق پەيدا بولۇش، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدىكى يانتۇلۇققا تاش چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق نۇقسانلارنى بىر تەرەپ قىلدى، مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن 33نى، جەمئىي 1500دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ مۇھىت قوغدايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 19نى، ئەخلەت تاشلاش نۇقتىسىدىن 81نى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدا ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 280 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول بۆلىكىنىڭ ھەممىسى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، يول بويىدا چورما مەنزىرە رايونى، نارات يايلىقى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا داڭلىق تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرى بار، يەنە «جەنۇبىي بوغدا كۆلى» دەپ ئاتالغان چوڭ- كىچىك ئەجدىھا كۆلى بار، ئۇلار خۇددى ئىككى پارچە پارقىراق زۇمرەتكە ئوخشاش قارلىق چوققىلار ئوراپ تۇرغان تاغ قاپتىلىغا نەقىشلەنگەن. مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتكەندە، بىر كۈندە تۆت پەسىلنىڭ مەنزىرىسى ۋە كىلىماتىنى باشتىن كەچۈرگىلى بولىدۇ، بۇ يول شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىي ئېتىكىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەرنى تۇتاشتۇرغان ساياھەت ئالتۇن يولى دەپ تەرىپلەنمەكتە.

 شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ساياھەت ھەۋەسكارلىرى، بولۇپمۇ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى تەلپۈنىدىغان قىزىق لىنىيە يولىغا ئايلىنىپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»نىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان، مەدەنىيەت- ساياھەت «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ئارقىلىق تىيانشاننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاجايىپ گۈزەل تىيانشان مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

 (تيەن يەن ماقالىسى)

 تەرجىمان: كامىل ئۆمەر

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125