ئىشنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش كېرەك
ئىش پىلانلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، كەسىپ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ. يېڭى يىلدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش پەيتىدە، تۈرلۈك- تۈمەن ئىشلار ئەمدىلا باشلاندى، بۇ دەل ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئىشلارنى پىلانلايدىغان، ئىشلارنى كېڭىشىدىغان ئاچقۇچلۇق ۋاقىت.
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى بايىنغولىن ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىد كۈتتى: بىرىنچى، ئىشنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش كېرەك، ئىككىنچى، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش كېرەك، ئۈچىنچى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇش كېرەك. ئىخچام ۋە مېغىزلىق بۇ سۆزلەر ئىنتايىن كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىشلىشى، ئىش قىلىشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشتا «پىلانلاش» يادرو، ئاچقۇچ، شۇنداقلا ئىقتىدار، سەۋىيە بولۇپ، «پىلانلاش»نىڭ دەل جايىدا بولۇش- بولماسلىقى، چوڭقۇر بولۇش- بولماسلىقى، ئىنچىكە بولۇش- بولماسلىقى مۇئەييەن دەرىجىدە نەتىجە ۋە ئۈنۈمنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مېتودولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «ئىشنى پىلانلاش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ھەم ئادەتتىكى خىزمەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەم ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا پىلان تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك، ئىشنى پىلانلاشنى بىلگەندىلا ئاندىن ئىشتا نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ، دېگەن ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ېېرىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تۇرۇشلۇق رايون، ساھەنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولغاندىلا، ئىلمىي تونۇشنى شەكىللەندۈرگىلى، توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىگە ئېرىشكىلى، شۇ ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشنىڭ ئىلمىيلىكى، تۈجۈپىلىكلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئىچكى تەلىپى. كاللىغا رامكا، قېلىپلارنى كىرگۈزۈۋالغاندا، ئىشنى ھەرگىزمۇ ئېنىق پىلانلىغىلى بولمايدۇ. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ۋە سۇبيېكتىپ بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئاسارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
ئومۇملۇقنى كۆزلىمىگەنلەر مۇئەييەن ساھەدىكى ئىشنى پىلانلىيالمايدۇ. پەقەت ۋاقىت، ئورۇن چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، مەۋقەنى ئومۇملۇق چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلىغىلى بولىدۇ. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى تۇتۇپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبەرلەر بىر جاينىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرغاندا، ئىشنى پىلانلاش ئىقتىدار سەۋىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى «1- جاۋابكار»لىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان ئىكەن، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، «ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇش»تىن ئىبارەت ھەرىكەت ئىقتىدارى ئارقىلىق، شۇ جاي ئۈچۈن ياخشى ئىشنى پىلانلىشى، ئەمەلىي ئىشنى پىلانلىشى كېرەك.
«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە»، پەقەت ھۇرۇنلۇق خاھىشىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشنى پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، كونىنى بىكار قىلىپ يېڭىنى ئورنىتىش داۋامىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)