ئوڭغۇل- دوڭغۇل يوللارنى بېسىپ، ئون سائەتتە 29 كىلومېتىر يول يۈردۇق
مەن شارشىلدا تاغ چارلىدىم
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
يەر يۈزى قېلىن يىغىندى قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قارنى دەسسەپ ماڭغاندا، دەسسىگەن جاينىڭ تاش، دەرەخ يىلتىزى ياكى ئازگال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئېگىز ئۆسكەن بۈك- باراقسان شەمشاد ئورمانلىقىدا، سوغۇق شامالدا مۇز دانچىسىمان قار ئۇچقۇنلىرى يۈزگە توختىماي ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
1- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى بورتالا چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى شياۋيىڭپەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى، شىنجاڭ شارشىل تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شارشىل قوغدىلىدىغان رايونى» دېيىلدى) ئورمان، ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش- جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە تاغ رايونىنى بىرلەشمە ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
يولغا چىققاندا قوغدىلىدىغان رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى، كۆپچىلىكنىڭ مەڭزى، بۇرنى ۋە قۇلىقى يېرىم سائەت بولمايلا توڭلاپ قىزىرىپ كەتتى.
شارشىل قوغدىلىدىغان رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئالاتاۋ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شىمالىي قىسمى قازاقىستان بىلەن، شەرقىي قىسمى ئالاتاۋ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، كۆلىمى 314 كىۋادرات كىلومېتىر. بۇ قوغدىلىدىغان رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن يېرى 310 مېتىر، ئەڭ ئېگىز يېرى 3670 مېتىر. بۇنداق چوڭ ئېگىزلىك پەرقى نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى مۇۋاپىق ياشاش ماكانى بىلەن تەمىنلىگەن. ئەمما چارلىغۇچى خادىملار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى، جىسمانىي كۈچ كۆپ خوراش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.
سائەت 9دا بىرلەشمە چارلاش ئەترىتى يولغا چىقتى، ئاپتوموبىل 500 مېتىر ماڭمايلا، يىغىندى قار بەك قېلىن بولغاچقا ئىلگىرىلىيەلمىدى. چارلاش ئەترىتى قار كېچىپ پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.
«كەينىدىكىلەر يېتىشىپ مېڭىڭلار، سەپ شەكلى ۋە رىتىمنى ساقلاڭلار.» ئەترەتنى باشلاپ ماڭغان خەلق ساقچىسى ليۇ يۈخاڭ ئۈنلۈك توۋلىدى. خىزمەت قىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ دائىم خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە چېگرا چارلىغاچقا، تەجرىبىسى مول ئىدى.
ليۇ يۈخاڭ يول بويى مۇخبىرغا چارلاش يولىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. سەپدىشىنىڭ يارىلانغان ياۋا بۇغىنى قۇتقۇزىمەن دەپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن تاغدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ ئاۋازى پەسىيىپ قالدى، «كۆپچىلىك ھەممىمىز سەمىمىي قەلبىمىز بىلەن بۇ تۇپراقنى قوغداۋاتىمىز».
«چېگرا چارلاش يولىدا ماڭغاندىلا، دۆلەتنىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ.» ليۇ يۈخاڭ بېشىنى بۇراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا: «شۇنداقمۇ، يولداشلار!» دەپ سورىدى.
«شۇنداق...» ئۇنىڭ كەينىدىن جاراڭلىق ھەم بىردەك ئېيتىلغان جاۋاب كەلدى.
ئۈچ سائەتتىن كېيىن، كۆپچىلىك يۈكېكې ئورمانچىلىق باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە پونكىت باشلىقى ۋە ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسىدىن باشقا، يەنە ئىككى پادىچى ئىتى ۋە ئىككى ئات بار ئىدى. «كېلىڭ، ئۆيىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ.» ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى نۇرشات ئېربول ئالدىدىكى باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم بىلەن بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى.
باشقۇرۇش- قوغداش پونكىتىنىڭ سۇ تۇرۇبىسى توڭلاپ قالغانىدى، نۇرشات پاكىز يىغىندى قارلارنى ئەكېلىپ، كۆپچىلىككە بىر چۆگۈن سۇ قاينىتىپ بەردى.
«چارلاشقا چىققاندا نان دائىملىق ئوزۇقىمىز. يازدا بۇلاق ئىزدەش، قىشتا يىغىندى قار يېيىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.» نۇرشات سۆزلىگەچ ئاتنى يېتىلىدى، ئىككى پادىچى ئىتى دەرھال ئەگەشتى، «قوغدىلىدىغان رايوندا ئەھۋال خەتەرلىك، مۇرەككەپ، بۆرە، يىلپىز ۋە قوڭۇر ئېيىق ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ھەر قېتىم چارلاشقا چىققاندا ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم بىللە ماڭىمىز. ئات <قاتناش قورالى>مىز، ئىت <ئامانلىق ساقلىغۇچى>مىز!»
ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش، جىلغىدىن يامىشىش، قارلىق تاغلاردىن ئۆتۈش... يول بويى ئات مىنىپ ماڭغان بولسىمۇ، داۋانغا چىقىپ جىلغىدىن ئۆتىدىغان تىك يول بۆلەكلىرىگە يولۇققاندا كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا پىيادە مېڭىشىغا توغرا كەلدى. يىغىندى قار تىزدىن ئاشمىسىمۇ، ھەربىر قەدەم ئالغاندا، خۇددى ئاق رەڭلىك «سازلىق» ئىچىدە تۇرغاندەك بولۇپ، پۇتلار بارغانسېرى تېلىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى.
«بۇ يەردە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە شامال چىقىپ تۇرىدۇ، قىشتا قار يېغىپ بولغاندىن كېيىن، شىۋىرغان بارلىق يوللارنى قار بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ.» شارشىل قوغدىلىدىغان رايونى ئورمان، ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش- جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھېبۇللا مۇنداق دېدى: ئەگەر يولدىن ئېزىپ قالساق، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ ماڭىمىز، ئاندىن يان تېلېفون چارلاش سىستېمىسىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىدىن پايدىلىنىپ ياكى تاغ چوققىسىغا يامىشىپ چىقىپ، دۇربۇن ۋە سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز.
چارلىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، ھېبۇللا چاقماق سوقۇش تۈپەيلىدىن بولغان ئوت ئاپىتىدىن يەنە بوتۇلكا، قۇرۇق ياغاچ، خىمىيەلىك دورىلار ھەمدە ئاسان پارچىلانمايدىغان ئەخلەتلەردىن ئەڭ ئەنسىرەيدۇ، ئۇلار ئاسان ئوت ئالىدۇ، تۇپراقنى بۇلغايدۇ، يەنە ياۋايى ھايۋانلار ئاسانلا خاتا يەپ قالىدۇ.
سائەت 16دە، چارلاش ئەترىتى توختاپ ئارام ئالغاندا، نۇرشات مۇخبىرغا بىر دۇربۇننى سۇندى، دۇربۇندىن يىراقتىكى چاتقاللىقتىكى توپ- توپ ياۋا بۇغىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئوتلاۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئۇياق- بۇياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
«قوغدىلىدىغان رايوندا 1676 خىل ئۆسۈملۈك، 179 خىل قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋان ۋە قۇشلار بار. يازدا ئوت- چۆپلەر ئادەم بويىدىنمۇ ئېگىز ئۆسىدۇ، چارلاش جەريانىدا دائىم ياۋا بۇغا، سۈلەيسۈن، بورسۇق، قوڭۇر ئېيىق ۋە بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتىمىز.» نۇرشات مۇنداق دېدى: ھازىر ئېكولوگىيە بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
«تېز ماڭايلى! بۇ يەرنىڭ ھاۋارايى بەك تېز ئۆزگىرىدۇ، بوران چىقسا ۋە قېلىن قار ياغسا ئېزىپ قالىمىز.» نۇرشات مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئات ئۈستىدە چوڭ بولغان، ئوتلاق ۋە تاغلارنىڭ يەر شەكلىنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇشقا ۋە ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىممۇ كۈچلۈك، بۇ، نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچىنىڭ ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇشتىكى تۇغما ئەۋزەللىكى.
سائەت 17دە ئۇلان داۋان بۆلىكىگە كېلىپ، بىر پارچە ياۋا قېيىن ئورمانلىقىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەترەتنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، يىغىندى قار يىل بويى ئېرىمەيتتى، يەنە بىرنەچچە قىيا ۋە جىلغىدىن ھالقىپ ئۆتكەندىلا ئاندىن بۇ قېتىمقى چارلاش ۋەزىپىسى تاماملىناتتى.
جىلغىدىن ئۆتكەندە، ئالدىدىكىلىرى تارتىپ، كەينىدىكىلىرى ئىتتىرىپ يۈرۈپ كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقىرىغا ياماشتى. «تاغدا چارلىغاندا، يىقىلىپ يارىلىنىش دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قار ياغقان كۈنلىرى دۆڭدىن چۈشكەندە ۋە دەريادىن ئۆتكەندە ئات مىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ناۋادا ئات تاشقا دەسسىۋالسا ياكى مۇزدا تېيىلىپ كەتسە، ئادەم ۋە ئات تەڭلا يارىلىنىدۇ.» نۇرشات مۇنداق دېدى: چارلاش جەريانىدا، ئادەم يىقىلىپ يارىلىنىش ۋە ئات ئۆلۈش ئەھۋاللىرى ھەر يىلى يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.
شۇ كۈنى سائەت 19دا، چارلاش ئەترىتى 1- نومۇرلۇق ئورمانچىلىق بەنى جايلاشقان قارلىق تاغ ئېتىكىگە يېتىپ كەلدى، 29 كىلومېتىرلىق چارلاش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى.
ئون سائەت، 29 كىلومېتىر، ئاغرىق ئازابى ۋە ھارغىنلىق مۇخبىرغا «چېگرا چارلاش يولىدا ماڭغاندىلا، دۆلەتنىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)