ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ۋەكىللىرى خۇشال بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) خاسىيەتلىك قارغا پۈركەلدى تىيانشان، بەخت- سائادەتكە تولدى كەڭ جاھان. 1- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللەر خۇشال بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن كادىر- ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىلغار نەمۇنىچىلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى بارلىق دوستلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.
شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەلگەن بولۇپ، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، شاد- خۇراملىق، خۇشاللىق ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 2024- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشتە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردۇق. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن بولدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىز پات ئارىدا يىسى يىلان يىلىنى كۈتۈۋالىمىز. يېڭى بىر يىلدا، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 2025- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر ۋاقىت تىنچ- ئامان بولۇشى، ھەربىر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشى، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن!
ليۇ لىن، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن بىر قىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، مۇتەخەسسىسلەر- ئالىملار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر ساھە ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.