ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەربىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئاچتى
18:52:11 2025-01-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھەربىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭدىكى قىسىملار پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا تەشكىللەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ ۋە مەدەت بېرىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى؛ يەرلىك شىنجاڭدىكى قىسىملارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ «قىسىم بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملىدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە قوغداشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، غەلىبىلىك جەڭ قىلىش، ئىستىلى ياخشى بولۇشتەك روھى پەزىلىتىنى تاۋلاپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كىرىزىس ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زاپاس كۈچ سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يولنى كېڭەيتىپ، شەكىلنى بېيىتىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى سىجىل پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نەپىقە- ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك؛ شىنجاڭدىكى قىسىملار يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 يىغىندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ياڭ چېڭ باھا بەردى.

 شىنجاڭ ھەربىي رايونى، 63650- قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، 93886- قىسىم، 63610- قىسىم، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

 ليۇ لىن، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شىنجاڭدىكى قىسىملارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125