ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
قايچا ئەپچىللىك بىلەن ئايلاندۇرۇلۇپ، قەغەزدىن گۈل قىيىپ چىقىرىلدى. قەغەز قىيمىلار ئائىلىلەرنىڭ دېرىزىلىرىدە نامايان بولۇپ كۆزگە تاشلىنىپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇش ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى نامايان قىلدى. 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا، «دېرىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى − شەنشى ئۆلكىلىك گۈزەل سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانغان خەلق ئىچى قەغەز قىيما ھۆججەت- ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» (ئۈرۈمچى بېكىتى) داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىنىۋاتاتتى. سىپتا سىزىقچىلار، نەپىس نەقىشلەر ۋە مۇرەككەپ تەشمە نەقىش ھۈنەر- سەنئىتىدىن تەركىب تاپقان خەلق ئىچى قەغەز قىيما سەنئەتكارلىرىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ماھارىتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
دېرىزە گۈللىرى چاپلىنىشى بىلەنلا، باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇقلاشتى. دېرىزە گۈللىرى كۆرگەزمە زالىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، تاماشىبىنلارنى «دېرىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنىڭ ئىچكى يادروسى ئۈستىدە قەدەممۇقەدەم چوڭقۇر ئىزدىنىشكە يېتەكلىمەكتە ئىدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە خەلق ئىچى قەغەز قىيمىچىلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنىپ «دېرىزە گۈللىرى»دىن ئىبارەت بۇ يەرلىك ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن خەلق ئىچى سەنئىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، كۆرگەزمە مەزمۇنى شەنشى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېرىزە گۈللىرى قەغەز قىيما نادىر ئەسەرلىرى ھەم ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلمىلىق سەنئەت، ئاۋاز، نۇر قاتارلىق ۋاسىتىلەر يۇغۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى دېرىزە گۈللىرى قەغەز قىيمىسى باش تېما قىلىنغان بىر مەيدان ھۆججەت- ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى كۆپ نۇقتا، كۆپ ئۆلچەمدە نامايان قىلىنىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقى تەقدىم قىلىندى.
كۆرگەزمىدە، چېۋەر سەنئەتكارلار قىيىپ چىققان ھايۋانات، گۈل- گىياھ، شەخس قاتارلىق گۈل نۇسخىلىرىدا كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئىپادىلىنىپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى «ئانامنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى» قۇرۇلمىسى بولدى. بۇ ئەسەردە سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى گەمە ئۆي ئۆزگىچە تۈستە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دېرىزىلەرگە ھەر خىل دېرىزە گۈللىرى چاپلانغانىدى. تىپتىنچ بوشلۇقتا، «دېرىزە»دىن چۈشكەن چىراغ نۇرى رەڭگارەڭ دېرىزە گۈللىرىنى يورۇتۇپ، سېرىق رەڭدىكى ئىللىق شام نۇرى كەيپىياتى يارىتىپ، كىشىگە زامان- ماكاندىن ھالقىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، بالىلىقتىكى دېرىزە گۈللىرى توغرىسىدىكى ئىللىق ئەسلىمىلەر قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەتتى.
«قەدىمىي دېرىزىلەر، رەڭدار دېرىزە گۈللىرى، نەپىس نەقىشلەر چىن ھەم خىيالىي تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن، مەن خۇددى قايچىنىڭ زىل ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك، مومامنىڭ بىر جۈپ يىرىك ئەمما ئەپچىل قولى بىلەن دېرىزە گۈلىنى قىيىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.» ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، تاماشىبىن ليۇ ۋېنروۋ مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا، مەن مومامغا ئەگىشىپ دېرىزە گۈللىرىنى قىيىشنى ئۆگەنگەن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا بۇ كۆرگەزمىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئالايىتەن كېلىپ بۇ مەيدان سەنئەت ئۇچرىشىشىغا قاتناشتىم.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە شەنشى رايونىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى نامايان قىلىنىپلا قالماي، چوڭقۇر تارىخ ئاساسى ۋە كامالەتكە يەتكەن قەغەز قىيما ھۈنىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «دېرىزىدىكى تىياتىر سەھنىسى» «رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ خاتىرىلەر» «تۈمەنلىگەن مەۋجۇداتلار» «بارلىق جانلىقلار» «تۈتۈندىكى گۈزەللىك»... قەغەز قىيمىنىڭ مەزمۇنىدا گۈل- گىياھ، قۇش، قۇرت- قوڭغۇز، ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئىچى رىۋايەتلىرى، تارىخىي ھېكايىلەر قاتارلىقلار بار. بەزىلىرىنىڭ شەكلى يېڭىچە، بەزىلىرى سەبىي، ئوماق، بەزىلىرى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، ھەربىر ئەسەرگە خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى يۇغۇرۇلغان.
تىياتىر ئەسەرلىرى قەغەز قىيمىسى شەنشى گۇەنجۇڭدىكى دېرىزە گۈللىرىنىڭ مۇھىم تۈرى. «ياڭجياجياڭ» «ۋۇديەنپو» «ئېرجىنگۇڭ» «يوۋگۇيشەن» «گۇيجۇڭيۈەن» «بەيشېجۇەن» قاتارلىق تىياتىرلارنى كىشىلەر قانچە كۆرسىمۇ زېرىكمەيدۇ، تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېكايىسى ھەممىگە تونۇش. قەغەز قىيما سەنئەتكارلىرى شىچۈ تىياتىرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مېھرىنى قەغەز قىيمىلارغا مۇجەسسەملەپ دېرىزىگە چاپلاپ، ئۆزگىچە بولغان «دېرىزىدىكى تىياتىر سەھنىسى»نى شەكىللەندۈردى. ئوخشاش بولمىغان روللاردا، ئوخشاش بولمىغان قىياپەتلەردە نامايان بولغان بۇ تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ قەغەز قىيمىلاردىكى ھەربىر ھەرىكىتى، ھەربىر تۇرقى ئۆزگىچە قىياپەت ۋە سالاپەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرىكەتلىرى جانلىق ئىدى، تاماشىبىنلارنى ھېكايىگە باشلاپ كىرىپ، كۆرۈش سەزگۈسىگە ھۇزۇر بېغىشلاپلا قالماي، يەنە قەلبىگە خۇشاللىق بېغىشلايتتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە دېرىزە گۈللىرى قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ مول ۋە كۆپ خىللىقى نامايان قىلىنغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ھۆججەت- ئەسەرلەر، ماتېرىياللار، سۈرەتلەر، سۈرەت لېنتىلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە پېشقەدەم بىرئەۋلاد سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قەغەز قىيما سەنئىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ۋارىسلىق قىلىشى نامايان قىلىنىپ، كىشىلەرگە قەغەز قىيما سەنئىتىگە مۇجەسسەملەنگەن قويۇق تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى بېكىتى 2024- يىلى 8- ئايدا شىئەندە باشلانغان بولۇپ، خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بىر مەيدان قىزغىن دولقۇن قوزغىغان. 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلانغان، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، كۆرگەزمە 2- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدىكەن.