بارلىق ئاپتوموبىل يوللىرى ئېچىۋېتىلدى، مۇلازىمەت ۋاقتى ئۇزارتىلدى
11:00:43 2025-01-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇ پەقەت يولۇچىلارنىڭ ئازادە سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىپ 1- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە بىر ھەپتە بولدى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇرتىغا قايتىدىغانلارنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان يۈرۈشى ئۈچۈن بارلىق ئاپتوموبىل يوللىرىنى ئېچىۋەتتى، مۇلازىمەت رايونلىرى مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئىسسىق سۇ، ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلارنى ئازادە سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ تۇدۇڭخابا ئاساسىي لىنىيەسى ھەق ئېلىش پونكىتىغا بارغىنىمدا، ئۈرۈمچى يۆنىلىشتىكى كىرىدىغان- چىقىدىغان 30 ئاپتوموبىل يولى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەنىدى، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. خىزمەتچى خادىملار ھەق ئېلىش ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئاپتوموبىللارنى مۇناسىپ ئاپتوموبىل يولىغا تارقاقلاشتۇرۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتاتتى. ETC ئاپتوموبىل يولىغا كىرگەن ئاپتوموبىللار سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتسىلا بولىدىكەن؛ ئادەملىك مۇلازىمەت يولىدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللار توختاپ، كارتا ئېلىپ ئاندىن يولغا چىقىدىكەن، توختاش ۋاقتى بەش سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

«نۆۋەتتە ئاپتوموبىللار تەدرىجىي كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما يەنىلا ئەڭ يۇقىرى پەللە ئەمەس.» G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇدۇڭخابا ئاساسىي لىنىيەسى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى سەي مېڭمېي مۇنداق دېدى: ھەق ئېلىش پونكىتىمىزدىن كۈندە ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىل 35 مىڭدىن 38 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغىچە بولۇۋاتىدۇ، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، كۈندە ئۆتىدىغان ئاپتوموبىل 55 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىدۇ.

تۇدۇڭخابا ئاساسىي لىنىيەسى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ كىرىش يۆنىلىشىدە تۆت، چىقىش يۆنىلىشىدە ئون ھەقسىز يول ئالايىتەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە تېز، تەرتىپلىك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

تۇدۇڭخابا ئاساسىي لىنىيەسى ھەق ئېلىش پونكىتىدا يەنە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، يېتەرلىك ئىچىدىغان سۇ ۋە تەييار چۆپ تەييارلانغانلىقىنى، كېلىپ كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم. جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە ئاددىي رېمونت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، تاسادىپىي ئىشلار ئۈچۈن تەييارلانغانىدى.

ئاپتوموبىل ئېقىمى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، يولدا توسۇلۇپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ سەي مېڭمېي مۇنداق بىر ئامال كۆرسەتتى: ۋىيشىننى ئېچىپ ئىزدەش رامكىسىدىن «新e畅行» كىچىك پىروگراممىسىنى تېپىپ، تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن، يول توسۇلۇش ئەھۋالى، ھاۋارايىنىڭ يول ئەھۋالىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ھەر ۋاقىت ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلار ئەڭ ياخشى يول يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، توسۇلۇپ قالغان يول بۆلەكلىرىدە مېڭىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، تېخىمۇ راۋان سەپەر قىلالايدۇ.

G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونى(شىمالىي تەرەپ)دا، ھەر خىل ئاپتوموبىللار كىرىپ چىقىۋاتاتتى، جەنۇب- شىمال ئىككى تەرەپتىكى مۇلازىمەت رايونىدا جەمئىي 483 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتوموبىللار بىمالال توختىيالايدىكەن.

مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىچى خۇددى مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا ئوخشايتتى، راڭپىزا، سامسا، قېتىق، قېزا قاتارلىقلار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، يولۇچىلار قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، بىر- ئىككى خىل مەززىلىك يېمەكلىكنى تاللاپ سېتىۋېلىپ يەۋاتاتتى.

«سەپەر جەريانىدىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي تەمدىكى مەززىلىك تائاملىرىنى يېيەلىدۇق، ناھايىتى ئەرزىيدىكەن» دېدى فۇجيەنلىك ساياھەتچى دىڭ يىجاۋ.

بۇ مۇلازىمەت رايونىنىڭ بىر تەرىپى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار توك قاچىلاش رايونى بولۇپ، سەككىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بىرلا ۋاقىتتا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى توكلىغۇچ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توكلىغۇچ بولۇپ، ئون مىنۇت ئىچىدە بىر ئاپتوموبىلغا تولۇق توك قاچىلىيالايدىكەن، ئۈچى تېز توكلىغۇچ بولۇپ، 40 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر ئاپتوموبىلغا تولۇق توك قاچىلىيالايدىكەن.

ھازىر تېخى يۇرتقا قايتىش يۇقىرى پەللىسى ئەمەس، توك قاچىلاش رايونىدا پەقەت ئىككى- ئۈچ ئاپتوموبىللا توك قاچىلاۋاتىدۇ. «توك قاچىلىغاچ، ئارام ئالالايدىكەنمىز» دېدى ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە قايتقان ما يۈمەن.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) يوللاردىكى مۇلازىمەت رايونلىرىنى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يۇرتىغا قايتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى توك قاچىلاش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونىنىڭ دىرېكتورى فەن خاۋجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇرتقا قايتىش سەپىرىدىكى ئاپتوموبىللار ھەر كۈنى كۆپىيىۋاتىدۇ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە مۇلازىمەت رايونىمىزغا كىرگەن ئاپتوموبىللار 21 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يەتتى. مۇلازىمەت رايونىمىز ئاپتوموبىل مىقدارىغا ئاساسەن مۇلازىمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتتى، ئىچكى قىسىمدىكى يېمەك- ئىچمەك، تاللا بازار، رېمونتخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلىدۇ، قايناقسۇخانا، شوپۇرلار ئائىلىسى، ئانا- بالىلار ئۆيى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ياتىقى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلار 24 سائەت ئوچۇق، ئىككى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ھەر خىل ئۆلچەمدىكى ماي زاپىسى يېتەرلىك، توكلىغۇچنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال. «بىز تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدۇق، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاممىنى بىخەتەر، ئازادە، قەلبنى ئىللىتىدىغان سەپەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى فەن خاۋجۈن.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىپ 1- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ئاتلاپ سەپەرگە چىققانلار سانى 18 مىليون 841 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.86 ئاشقان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولغان. قاتناش- تىرانسپورت تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: سەپەر جەريانىدا، يولۇچىلار تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇقسا، 12122 يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇتقۇزۇش تېلېفونى، 12328 قاتناش- تىرانسپورتنى نازارەت قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى، 5280255- 0991 باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، 96200ETC خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125