ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى 2025- يىللىق سودا ساھەسىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. 2025- يىللىق سودا ساھەسىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش 1- ئاينىڭ 20- كۈنى باشلانغاندىن بۇيان 1- ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 12 مىڭ 300 ئىستېمال بويۇمنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماس قىلىنىپ، 53 مىليون 756 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلگەن.