توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىش
11:09:52 2025-01-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

 نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە مۇقىم بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛

 ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 541 مىليون توننا بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى؛

 ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭ، ئاشلىق مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 1050 جىڭ بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛

 ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە يورۇقلۇق ۋولت توپى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى كەسىپ توپى قاتارلىقلار «دۆلەت كوماندىسى» تىزىملىكىگە كىردى؛

 ...

 شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، 2024- يىلى شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا تەڭ كۈچەپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ئاساسلىق خاس، ئەۋزەل بايلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يارقىن «جاۋاب قەغىزى» تاپشۇردى.

 مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭ كەسىپلەر توپىنىڭ جايلىشىشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، توپلىشىش ئېففېكتىنى گەۋدىلەندۈردى.

كەسىپلەرنى كېڭەيتىش

«ئون چوڭ كەسىپ توپى» يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

 بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە- كۆكتات، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپىنى كۆرسىتىدۇ.

 2022- يىلى 9- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئارقىدىنلا ئاساسىي قۇرۇلما سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر 36 كەسىپ زەنجىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئامىل تىرىكى، كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈلدى.

 بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ۋاقىتقا ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كېڭەيتتى.

 «<ئون چوڭ كەسىپ توپى>نى مۇكەممەللەشتۈرۈش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ئىنتايىن زۆرۈر.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى يۈكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. ئۈچىنچىدىن، كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى بېيىتىش ۋە كېڭەيتىش شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت جياڭ شياۋفېڭ مۇنداق قارىدى: «ئون چوڭ كەسىپ توپى» شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ۋە رايون تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشتىكى ئەتراپلىق ئويلىنىشىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتىكى مۇھىم يول، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كاپالەت.

توپنى ئەلالاشتۇرۇش

تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى

 2024- يىلى، شىنجاڭ كەسىپ توپىنى بېيىتىپ كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە كەسىپ توپى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

 «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ئىچىدە، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش كەسىپ توپى قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپى ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپى قىلىپ تەڭشەلدى، يېشىل ئورگانىك مېۋە- كۆكتات كەسىپ توپى ۋە ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى بىرلىكتە يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە- كۆكتات كەسىپ توپى دەپ ئېلان قىلىندى.

 يېشىل كانچىلىق بويىچە چارلاش، ئېچىش ۋە پىششىقلاپ پايدىلىنىش تېزلىتىلدى، 2024- يىلى شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش زاپاس رايونى ۋە داۋاملاشما رايونى تېز شەكىللەندى، قومۇل ۋېييا − شۇجىي كارىز 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك تۆمۈر ۋە 10 مىليون توننا دەرىجىلىك تىتان، ئالتاي چىڭگىل جىڭغىل − بۇرۇلتوقاي كوك مىس قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسنى ئېچىش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى تاۋلاش تۈرىدە ئوت يېقىش تاماملاندى. قېزىلما بايلىق تۈرلىرىدە قېزىشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ئۆتۈشنى تېزلىتىش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يېڭى تۈۋرۈك، يېڭى مۇسابىقە يولى. 2024- يىلى، شىنجاڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تۈرتكە قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېشىش موتورىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 13.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 13.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كاربوننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى، تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت توققۇز كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ زەنجىرىدە، بىر تۈركۈم خەلقئارا باشلامچى كارخانىلار يېتىشتۈرۈپ چىقىلدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە زەنجىر باشلامچى كارخانىسى قاتارىغا كىردى.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

كەسىپ توپىنىڭ زورىيىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 كەسىپ توپى رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.

 ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپ توپىدىن جەمئىي سەككىزى بار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە يورۇقلۇق ۋولت توپى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى كەسىپ توپى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى ياساش كەسىپ توپى، قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونىدىكى نېفىت ئۈسكۈنىلىرى كەسىپ توپى، ئارال شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق خام ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەم پىششىقلاش كەسىپ توپى، شىخەنزە شەھىرىدىكى كاربون كىرېمنىيلىق ئاليومىن يېڭى ماتېرىيال كەسىپ توپى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىلغار قۇرۇلما ماتېرىياللىرى كەسىپ توپى، ئۈرۈمچى ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىياللىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كەسىپ توپىدىن ئىبارەت.

 بايلىق، ئېنېرگىيە، رايون ئورنى، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، قومۇل شەھىرى كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان، زەنجىرنى ئۇزارتىدىغان، زەنجىرنى تولۇقلايدىغان، زەنجىرنى كۈچەيتىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغا قەدەر، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىسى بار بولۇپ، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، مۇنارى، چاقپەلەك قانىتى قاتارلىق ئاساسىي گەۋدە ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە 6- چوڭ، غەربىي شىمالدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق بولغان شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش بازىسىغا ئايلىنىپ، 2024- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خاس كەسىپ توپىنى بەرپا قىلدى.

 شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى 2- چوڭ چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تيەنرۇن سۈتچىلىكى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، شىيۈچۇن، شىبۇ چارۋىچىلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلار ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. سۈتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ سۈتچىلىك كەسپى جەمئىيىتى 2025- يىلىغا بارغاندا، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سۈتچىلىك كەسىپ توپىدىن بىرنى، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سۈتچىلىك كەسىپ توپىدىن بىرنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 توپلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىش ئاددىيلا «2=1+1» ئەمەس. 2025- يىلى، شىنجاڭ كەسىپ توپىنى زورايتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى، توپ باشلىقى كارخانىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «2<1+1»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ئېنېرگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت توپلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125