ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
«بۇ يەردە قىش پەسلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى دائىم نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ، نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسمۇ ئادەتتىكى ئىش، يەنە بوران چىقىش، قېلىن قار يېغىش قاتارلىق ناچار ھاۋارايى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ» دېدى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى تايكېشكېن پورتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1- ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ خەي.
ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تايكېشكېن پورتى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولدى. 1- ئاينىڭ 24- كۈنى، پورت يەنە بىر قېتىم قېلىن قار ياغقان ھاۋارايىنى كۈتۈۋالدى، تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 31 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى قارنى بۇيرۇق بىلىپ، ناچار ھاۋارايىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن قوزغاتتى، خەلق ساقچىلىرى قار- شىۋىرغانغا قارىماي ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلدى، خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى.
قار يېغىش جەريانىدا، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ھاۋارايىدىن ئالدىن بېرىلگەن سىگنال ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەكشۈرۈش نەق مەيدانىغا ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، چېگرادىن كىرگەن- چىققان ئاپتوموبىللارغا قارىتا يېتەكلەش ۋە تەرتىپنى قوغداشنى كۈچەيتتى. گەرچە ئاپئاق قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرۈش يولىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يولدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارنى سۆرەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنىدىن بىخەتەر، تېز ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
«3- نومۇرلۇق يولدىكى خەلق ساقچىلىرى، تەكشۈرۈپ بولغان ئاپتوموبىللارنى تېز ئۆتكۈزۈۋېتىڭلار، شوپۇرلار ۋاقتىدا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسۇن.» قاتتىق شىۋىرغاندا، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1- ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لو سۇرۇڭ سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈردى.
«قېلىن قار ياغقان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز تاموژنا، تىرانسپورت باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شۇ كۈنى قاتنايدىغان ئاپتوموبىل قېتىمى ۋە مال ئۇچۇرىنى ئالدىن ئىگىلەپ، تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق» دېدى لو سۇرۇڭ مۇخبىرغا.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى قار ياغقان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋاقىتلىق دەم ئېلىش رايونى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان شوپۇر ۋە يولۇچىلارنى قايناق سۇ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. موڭغۇلىيە دۆلىتىدىن كەلگەن شوپۇر باتىر قولىدا بىر ئىستاكان قايناق سۇنى تۇتقىنىچە مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم قار ياغقاندا، جۇڭگو كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىز ئۈچۈن ۋاقىت ۋە توشۇش تەننەرخىنى تېجەپ بېرىدۇ».
«قايناق سۇ، ئىللىق دەم ئېلىش رايونى، قىلغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس، ئورنىمىز چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما كېلىپ كېتىۋاتقان شوپۇرلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ھارغىنلىقى ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى زور دەرىجىدە پەسەيتتۇق» دېدى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋۇ جېيۈن.
بۇ قېتىمقى شىۋىرغانلىق ھاۋارايى مەزگىلىدە، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن تاموژنىدىن ئۆتۈش توسالغۇغا ئۇچراش ۋەقەسى بىرەر قېتىممۇ يۈزبەرمەي، پورتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.
تايكېشكېن پورتى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى ئارىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. 2024- يىلى، بۇ پورت چېگرادىن كىرگەن- چىققان جەمئىي 170 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خادىمنى، 110 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇق قاتناش قورالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2023- يىلىدىكىدىن %51.3 ۋە %43 ئاشقان.
(خەۋەرلەرگە قوشۇپ بېرىلگەن مۇخبىرلارنىڭ باش سۈرىتى IA ئارقىلىق كارتون رەسىمگە ئايلاندۇرۇلدى)