كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن بازىرىدا «نەسىردىن ئەپەندى» گە ئەگىشىپ بازارغا بېرىش
21:02:56 2025-01-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتىگەندىلا، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى تۆۋەن دوغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ھۈسەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئېشەككە يەم بەرگەندىن كېيىن، دەرھال ئۆيىگە كىرىپ يۈزىنى يۇيۇپ، ئەينەككە قاراپ قاش سىزىپ، ساقال چاپلىدى. «بۈگۈن بازاردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بازىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلاي» دېدى مەمەت يۈزىنى سۈرتكەچ.

 شۇ كۈنى، قارايۇلغۇن بازىرىنىڭ جىگدە بازاردا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مال سېتىۋېلىش بازىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەمەت جىگدە بازارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامراق ئېشىكىگە مىنىپ بازارغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

 مەمەتنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ئۆي- ئوچاقلىق بولغان، ئۆزىنىڭ 33 مو يېرى بار ئىدى، ئۇ 23مو يېرىنىڭ ھەر موسىنى 700 يۈەن باھادا ئوبوروت قىلدى، قالغان يېرىگە كېۋەز تېرىپ، ھەر يىلى 70 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

 ئالدىنقى كۈنى كەچتە قار ياغدى، بازارغا بارىدىغان يول ئازراق تېيىلغاق بولسىمۇ، يەنىلا ئاپتوموبىللار، ئادەملەر كۆپ ئىدى.

 «نەسىردىن ئەپەندى تاغا، تاماق يېدىڭىزمۇ، بازار سىزنىڭ قىزىتىشىڭىزغا باغلىق، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا مەسىلە چىقسا بولمايدۇ!» «خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بىر كۈنلۈك تاماقنىڭ ھەممىسىنى يەۋالدىم».

 تۆۋەن دوغا كەنتى بىلەن جىگدە بازارنىڭ ئارىلىقى 20 مىنۇتلۇق يول بولۇپ، يول بويى كىشىلەر «نەسىردىن ئەپەندى» بىلەن توختىماي چاقچاقلىشاتتى، سالاملىشاتتى.

 بازارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشنى ئۈستىگە ئالغانلىق ئىشىغا قارىتا، مەمەت قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەسىردىن ئەپەندى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرىدىغان ھەققانىيەتچى ھەم قىزىقارلىق پېرسوناژ، مەن بازارغا ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق بېغىشلاپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ئاچاي دېدىم!»

 جىگدە بازارغا كىرگەندە، قىپقىزىل دۈيليەن، 福 خېتى، پانۇسلار ھەممە يەرگە تولۇق ئېسىلغانىدى.

 سائەت 12لەردە، جىگدە بازارنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مال سېتىۋېلىش بازىرى پائالىيىتىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى باشلاندى. سەھنىدە مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇلى، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلاندى.

 «نەسىردىن ئەپەندى» قىياپىتىدە ياسانغان مەمەت قىزىقچىلىق قىلىپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈردى، كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى، يەنە بىللە ھەمتۈرتكىلىك ئويۇن ئوينىدى، نەق مەيداندا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.

 ھەر قېتىملىق بازار كۈنىدە، قارايۇلغۇن بازىرى تۈرلۈك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، جىگدە بازار تاۋار سودا بازىرى بولۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سورۇنى.

 بازاردا، «نەسىردىن ئەپەندى چايخانىسى»دىكى كىچىك ياڭراتقۇدىن تارالغان مۇزىكا مۇخبىرنى جەلپ قىلدى. بۇ ھويلىنىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان مەيخانە بايرىقى ئەتلەستىن ئىشلەنگەن، شياۋجۈەن قاتارلىق خەت شەكلى ئارقىلىق مال تۈرلىرىگە بەلگە سېلىنغان بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. «نەسىردىن ئەپەندى چايخانىسى»نى كەنت ئاھالىسى مەمەت لېتىپ ئۆز ھويلىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، بۇلتۇر 6- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن. «بازار قىزىپ كەتتى، چايخانىنىڭ سودىسىمۇ قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىدىغان بولدى» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

 بازاردىكى قەغەز قىيما كۆرگەزمە رايونىدا، كورلا شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى −− قەغەز قىيما ۋارىسى خې يىنپىڭ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىۋاتاتتى. بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ قايچا بىلەن بىر جانلىق كىچىك يىلاننى قىيىپ چىقتى.

 «بۇ يىلان 福 خېتى شەكلىدە قىيىلغان، دانلىق بۇغداي باشاقلىرىنى چىشلەپ تۇرغان بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا كۆپچىلىكنىڭ مول ھوسۇل ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى خې يىنپىڭ كۆپچىلىككە.

 خەتتاتلىق، دۈيليەن يايما ئورنى ئالدىدا، شۇ جايدىكى خەتتاتلار ھۆسنخەت يېزىۋاتاتتى. «بۇ خەت بەك چىرايلىق يېزىلىپتۇ!» كۆپچىلىك ئۆزلىرىنى تۇتالماي ماختاپ كەتتى.

 شۇ كۈنى قارايۇلغۇن بازىرىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوچا ئويۇنى كۆرىكى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. كەنت ئاھالىلىرى ياغاچ ئاياغ ئويۇنىنى ئويناشقا باشلىدى، قولىدىكى ئۇزۇن دەستىلىك رەڭلىك بايراقلار شامالدا لەپىلدەپ، ئەتراپتىكى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان توۋلاش ئاۋازلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەنە رىۋايەتلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئالدى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى بالىلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى، يول بويى كىشىلەر بەس- بەستە ئورىۋېلىپ كۆردى، مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

 قارايۇلغۇن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى شەۋكەت ئوبۇل مۇنداق تونۇشتۇردى: جىگدە بازارغا ئادەتتە بازار كۈنى 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم كېلىدۇ، بايرام- تەبرىكلەش يۇقىرى پەللىگە چىققاندا 70 مىڭغا يېقىن ئادەم كېلىدۇ، كۈندىلىك سودا مىقدارى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

 «بازارنىڭ كۆرگۈچىلىكى بار، يايما ئاچقانلار پايدا ئالالايدۇ، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولدى!» «نەسىردىن ئەپەندى»نىڭ قوشىقى ئالقىشقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125