ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
1- ئاينىڭ 28- كۈنى، باھار بايرىمى ھارپىسى.
ئانار كوچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك، ھەر مىللەت ئامما بالدۇرلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كوچا ئېغىزىدىكى ئەگمە ئىشىككە قىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، ھەممە ئائىلىلەرگە چۇنليەن ۋە «福» (بەخت) خېتى چاپلاندى.
ئانار كوچىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، 18 ئائىلىلىك ئولتۇرىدۇ، ئۇ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى ئەڭ نامى بار بىر كوچا.
«ئانار كوچىسىدا ئانار بارمۇ؟» «يوق!»
«ئۇنداقتا بۇ جايدا نېمە بار؟» «قىزىل ئانارغا ئوخشاش چىن قەلب بار!»
باشقىلار ھەر قېتىم ئانار كوچىسى توغرۇلۇق سورىغاندا، بۇ جايدىكى ئاھالىلەر ھەمىشە مۇشۇنداق پەخىرلەنگەن ھالدا جاۋاب بېرىدۇ.
داشى كەنتى قالتىس بولۇپ، «مەملىكەت بويىچە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى چولپان كەنت» «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1- كەنت» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشتى.
ئاھالە شى شۇۋېننىڭ ئۆيىدە، پېچىنە- پىرەنىك، قەنت- گېزەكلەر ئۈستەلگە لىق تىزىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە بەنشىر تۈگۈۋاتاتتى. «تاماق چىقتى!» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاچچىق- چۈچۈك قوي پاچىقى، كالا قېرىنى قورۇمىسى، سامساق تەملىك يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە، داپەنجى قاتارلىقلار ئۈستەلگە چىقىرىلدى.
«بۈگۈن بىز بىرلىكتە باھار بايرىمى ئۆتكۈزىمىز، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا، ئانار گۈللىرىنىڭ يىلمۇيىل پورەكلەپ ئېچىلىشىغا، مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشىمىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.» 61 ياشلىق لاۋ جوۋ ئالدى بىلەن قەدەھ كۆتۈرۈپ، شۇ كۈنىدىكى ھارپا كېچىسى تامىقى تىلىكىنى باشلىدى.
ئابلىكىم مۇسا، تۇرسۇن ئىسمايىل، شى شۇۋېن قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى، بەزىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئانار كوچىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ھاياجانلانسا، بەزىلىرى يېڭى يىلغا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسى پىلانى توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى.
18 ئائىلە، 72 ئاھالىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى باھار بايرىمىدا بىرلىكتە ھارپا كېچىسى تامىقى يېيىش ئەنئەنىسى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئۇلار مەززىلىك تائاملارنى بىرلىكتە تېتىيدۇ، ئۆزئارا بەخت تىلەيدۇ، ئانار كوچىسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ئورتاق ۋەدىسى بار: مەيلى چوڭلار ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئائىلە ئىستىلىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز.
ھەممە ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان ھەم ناھايىتى ئابرۇيلۇق لاۋ جوۋنىڭ ئىسمى جوۋ جىنشەن بولۇپ، ئانار كوچىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇ كەنتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى، ئاھالىلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى بەش قولدەك بىلگەچكە، دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۇمانىنى يېشىپ بېرەتتى. كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ئۇ ھەمىشە ئىككىلەنمەيلا، يەڭنى تۈرۈپ ياردەم قىلاتتى.
«ئانار كوچىسىدا توققۇز ئائىلىلىك ئۇيغۇر مىللىتى، توققۇز ئائىلىلىك خەنزۇ مىللىتى بار، سېنىڭ- مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز.» لاۋجوۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قوشنىسى ئابلىكىمگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇنى كومبايىن سېتىۋېلىشقا، يەر ھۆددىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ.
ئابلىكىم بۇلتۇر 600 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى، كۆپچىلىك كېلىپ ئۇنىڭدىن بېيىش سىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. «ئائىلىمىزنىڭ 250 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سېلىشى ۋە ئۈچ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنىڭ ھەممىسى لاۋجوۋنىڭ ئۆگىتىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئىككىمىز قېرىنداشلاردەك يېقىن، بۇ يىللاردا، مەيلى يەر تېرىش بولسۇن ياكى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ مەبلەغ سېلىشتا بولسۇن، مەن ھەمىشە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ كەلدىم» دېدى ئابلىكىم.
شى شۇۋېن ئائىلىسىنىڭ 300 مو يەردىكى مېۋىلىك دەرىخىنىڭ پەرۋىش قىلىش ۋە تېخنىكا ناچار بولۇش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئابلىكىم بىرىنچى ۋاقىتتا ئانار كوچىسىدىكى قوشنىلىرىنى بىرلىكتە باغقا بېرىپ كېسەل شاخلارنى پۇتاشقا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى؛ كەنتتىكى ئىككى مېيىپ كىشىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ دەرھال سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بەردى.
«بىزنىڭ كوچىدا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقايلى، كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىدۇ» دېدى شى شۇۋېن.
مۇخبىر ئانار كوچىسىدا ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك بېشىدا بەلگە تاختىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭغا «خالىس مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئائىلىسى» «ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئائىلىسى» «پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش ئائىلىسى» دېگەندەك خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردى.
«بۇ يىللاردا، كوچىمىزدىكىلەر دائىم بىزنىڭ ئۆينىڭ ئېشەك سۈتىنى سېتىۋالدى، يەنە دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ تەشۋىق قىلىشقا ياردەملەشتى، مۇشۇنداق چوڭ ئائىلىدە ياشاپ، كۆڭلۈم ئىللىقلىققا تولغاچقا، نېمىلا ئىش قىلسام غەيرىتىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ!» ئېشەك باقمىچىلىقى كەسپىي ئائىلىسى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كېسەل بولۇپ قالغان تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى بېقىۋالغىنىمغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، چۈنكى، «بىر نان تاپساق تەڭ يېيىش» ئانار كوچىسىدا بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلاندى.
«بىزنىڭ بۇ يەردە ئانار يوق، لېكىن ئانار دانىسىدىنمۇ قىممەتلىك قەلب بار!» تۇرسۇن شۇنداق دېگەچ گىتار چېلىشقا باشلىدى، ئانار كوچىسىدا جاراڭلىق خور ياڭرىدى: «ھەممىمىزنىڭ بىر ئائىلىسى بار، ئىسمى ئۇنىڭ جۇڭگو، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار شۇنچە كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل بەكمۇ... »