شىنجاڭنىڭ بىر كۈنلۈك كىنو بېلىتى كىرىمىدە رېكورت يارىتىلدى
21:55:36 2025-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ) باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كىنو بازىرىدا تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى. 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ بويىچە كىنو بېلىتى كىرىمى 11 مىليون 982 مىڭ يۈەنگە، كىنو كۆرگەنلەر 247 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە بىر كۈنلۈك كىنو بېلىتى كىرىمى ۋە كىنو كۆرگەنلەر ئادەم قېتىمى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق كىنوخانىسىدا، كىنوخانىنىڭ ئىچىدە ھەممىلا يېرىدە 福 )بەخت( خېتىنى، پانۇسلارنى كۆردى، كىنوخانا خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. «دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنى 5000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم كىنو كۆرگىلى كەلدى، ھەرقايسى كىنو زاللىرىدا ئەتىگەن سائەت 9دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 2گىچە توختىماي كىنو قويۇلۇپ، 68 مەيدان قېتىمغا يەتتى، زالنىڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن تولۇش نىسبىتى %60تىن ئاشتى.» بۇ كىنوخانىنىڭ دىرېكتورى جاڭ يەنچى مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە كىنوخانىمىزنىڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن تولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسىدىكى مېييا چوڭ ئېكرانلىق لازېر نۇرلۇق كىنو شەھەرچىسىدە، كىنو كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شەھەر ئاھالىسى جياڭ خاۋرەن ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ماشىنىسىدىن كىنو بېلىتى ئېلىۋاتاتتى، ئۇ «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا دېلو رازۋېدكا قىلىش 1900» ناملىق ئىككى كىنونىڭ بېلىتىنى سېتىۋالدى.

 شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان كىنو كۆرىدىغان ئاساسلىق كىشىلەر توپى بولۇپ قالدى. «تىياتىرخانا كونا شەھەر رايونىدا بولغاچقا، ئەتراپىدا ئولتۇراق رايون ۋە مەكتەپلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئىستېمالچىلار توپى ئائىلىنى ئاساس قىلغان» دېدى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى سۇ لېي. 

 103 كىنو باغچىسى(چيەنتاڭجياڭ يولى تارمىقى)دا، كىنو شەھەرچىسىدە بېلەت سېتىۋېلىشتا ئېتىبار بېرىش ھەم ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىدا بېلەت سېتىۋېلىش پائالىيىتىدىن باشقا، كىنو شەھەرچىسى يەنە تاماشىبىنلارنى تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «بىز پۈتۈن شىنجاڭدا سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى 20 كىنوخانا بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ كىنو مەستانىلىرى كىنو كۆرۈش خەرىتىسىنى ئىشلەپ، كىنو كۆرۈپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق» دېدى بۇ كىنوخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ دۇڭ.

 ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى كىنوخانىلارمۇ كىنو كۆرۈش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. چۆچەك شەھىرىدىكى تارباغاتاي كىنو- تىياتىرخانىسىنىڭ چوڭ زالىدا، يېڭى فىلىم ئېلانلىرى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. «بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە قويۇلىدىغان فىلىملەرنىڭ تۈرى مول، ئوخشاش بولمىغان تاماشىبىنلارنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، كىنو بازىرىنى تېخىمۇ پەرقلىق خاراكتېرگە ۋە جانلىنىش دەرىجىسىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى بۇ كىنو- تىياتىرخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېڭ شياۋخۇي.

 بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە ياخشى فىلىملەر كۆپ بولغاچقا، بېلەتنىڭ ئالدىن سېتىلىشى ياخشى بولدى، جاڭ يەنچى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى مەزگىلىدە كىنو كۆرگۈچىلەرگە قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىنوغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، بىز يەنە بېزەشكە خېلى كۈچىدۇق».

 بۇ قېتىم باھار بايرىمى مەزگىلىدە داڭلىق فىلىملەر توپلاپ قويۇلۇپ، قالتىس زوق بېغىشلىدى. «فېڭشېن 2- بۆلۈمى: شىچىدىكى ئۇرۇش ئوتى» ناملىق كىنودا 1- بۆلۈمىدە ئېيتىپ بولۇنمىغان كىنو ۋەقەلىكى داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ شىددەتلىك ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» ناملىق كىنودا «دەرىجىدىن تاشقىرى كومېدىيە، ھاياجانلىق كۆرۈش ئۈنۈمى» ئۇسلۇبى داۋاملاشتۇرۇلغان؛ «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا دېلو رازۋېدكا قىلىش 1900» ناملىق كىنودا مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كىنو ئىشلەش كۆلىمى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن؛ «بۈركۈت ئاتقۇچى قەھرىمانلار قىسسىسى: پالۋانلارنىڭ پالۋىنى» ناملىق كىنودا «پالۋانلارنىڭ پالۋىنى دۆلەتنى، خەلقنى كۆزلەيدۇ» دېگەن روھ نامايان قىلىنغان.

 (خەۋەرلەرگە قوشۇپ بېرىلگەن مۇخبىرلارنىڭ باش سۈرىتى IA ئارقىلىق كارتون رەسىمگە ئايلاندۇرۇلدى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125