ئارشاڭ ناھىيەسى: «ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن»نىڭ ئۆزگىچە باھار بايرىمى
22:17:02 2025-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى



ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، چوڭ- كىچىك كوچىلار قويۇق بايرام تۈسىگە چۆمگەنىدى، ھەممە يەرگە پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، پوجاڭزا ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

 بېلىق- دۇفۇ دۈملىمىسى قازاندا پورۇقلاپ قايناۋاتاتتى، داپەنجى، قوي گۆشى شورپىسى، ھەر خىل سوغۇق سەيلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تاماق ئۈستىلىگە لىق تىزىلغانىدى. بالىلار ئويناقشىپ ئۆيگە كىردى، خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولغان يەتتەيلەن بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

 شياۋتۇ ئائىلىسىدىكى تۆت جان ۋە جياڭ شىنجۇڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان بولۇپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ئۆزئارا بەخت تىلىدى ۋە كېلەر يىللىق پىلانلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۆي ئىچى ناھايىتى قىزىپ كەتتى!

 شياۋتۇنىڭ ئىسمى توختاسۇن ئىلھامجان، بۇ يىل 34 ياش بولۇپ، ئائىلىسى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرىدا ئىدى. 2021- يىلى 8- ئايدا، ئۇ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى كۆك توخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى زاكىن بۇلاق ئەترىتىگە كېلىپ، جياڭ شىنجۇڭنىڭ چارۋىلىرىنى باقتى.

 48 ياشلىق جياڭ شىنجۇڭ كەنتتىكى داڭلىق باقمىچىلىق چوڭ ئاھالىسى. شياۋتۇ بىلەن يېرىم يىل ئارىلىشىپ ئۆتكەندىن كىيىن، ئىككىيلەن بىر- بىرىنى ئاكا- ئۇكا دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.

 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، جياڭ شىنجۇڭنىڭ قويى بىر جۈپ قوشكېزەك تۆللىدى، يۇڭى بۈدۈر، بېشى ئاق، تۇيۇقى قارا بولۇپ، تۇرقى ئىنتايىن ئوماق ئىدى.

 ئەتىسى ئەتىگەندە، شياۋتۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش قويلارغا يەم بەردى، ئۇ بۇ قوشكېزەك قوزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، بىرىنىڭ بەخىرامان سۈت ئېمىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ مۈگدەپ ياتقانلىقىنى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ كۆپ يىللىق باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بۇ قوزىغا سوغۇق ئۆتۈپ قاپتۇ، دەپ دەرھال ھۆكۈم قىلدى.

 شياۋتۇ دەرھال قوزىنى قوينىغا سېلىپ، ئۇچىسىدىكى مامۇق چاپان بىلەن ئوراپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

 ئۆي بىلەن قوتاننىڭ ئارىلىقى 300 مېتىرمۇ كەلمەيتتى، شياۋتۇ قوزىنى پارنىڭ يېنىغا قويدى، بىردەمدىن كېيىن قوزا ئاستا- ئاستا كۆزىنى ئاچتى، بەدىنىمۇ تىترەشتىن توختىدى.

 قوزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شياۋتۇ ئوغلىغا ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئوينىماسلىقنى تاپىلىدى، يېڭى تۇغۇلغان قوزا بەكلا ئاجىز بولۇپ، ئىشىكنى ئېچىش- يېپىش جەريانىدا كىرگەن سوغۇق شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.

 شۇ كۈنى ئارشاڭ ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 28 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى.

 «بۇ خىل ھاۋارايى يېڭى تۇغۇلغان قوزىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ئەگەر ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىساق، ناھايىتى ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ ۋە ئۆلۈپ كېتىدۇ.» شياۋتۇ مۇنداق دېدى: قوزىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگىچە ياتاق ئۆيۈمدە باقىمەن.

 مۇخبىر شياۋتۇنىڭ بۇ قوزىنى خۇددى بالىسىدەك بېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ قوزىنى كۆتۈرۈپ ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ ئېمىتىپ، يەنە ئاۋايلاپ قايتۇرۇپ كېلەتتى، ئاندىن قوزىنىڭ ئېغىزىدىكى سۈت يۇقى ۋە كۆزىدىكى چاپاقلىرىنى پاك- پاكىز تازىلايتتى.

 «شياۋتۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىدۇ. ئۇ بولسىلا، مەن قانچە ئۇزاق ۋاقىت كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسەممۇ ئەنسىرىمەيمەن.» جياڭ شىنجۇڭ توختىماي شياۋتۇنى ماختىدى.

 شياۋتۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، سەل خىجىل بولدى. ئۇ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: جياڭ شىنجۇڭ ئاكامغا يولۇققاچقا، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن.

 ئىلگىرى، شياۋتۇ ئۇ يەر- بۇ يەردە پارچە- پۇرات ئىش قىلاتتى. يەر تېرىدى، ئۆي بېزىدى، مۇلازىم بولدى، «قەيەردە ئىش بولسا شۇ يەرگە باراتتىم، بۇ جەرياندا مومام ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، 40 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم» دېدى ئۇ.

 شياۋتۇ ئەستايىدىللىقى، ئىشچانلىقى بىلەن جياڭ شىنجۇڭنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.  شياۋتۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئوغۇللىرىنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ، جياڭ شىنجۇڭ دەرھال ئىككى ئېغىز ئۆيىنى بوشىتىپ، شياۋتۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى.

 شياۋتۇ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلىنى يېنىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشنى تېخىمۇ بېرىلىپ قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ مول تەجرىبىسى ۋە قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ، يېقىن ئەتراپتا خېلى نامى بار پادىچى بولۇپ قالدى، ئايلىق مائاشى ئەڭ دەسلەپكى 5000 يۈەندىن 7500 يۈەنگە ئۆستى.

 2023- يىلى شياۋتۇ قەرزىنى قايتۇرۇپ تۈگەتتى، يەنە ئازراق پۇلمۇ يىغدى، ئۇ جياڭ شىنجۇڭغا ساقلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. جياڭ شىنجۇڭ ئۇنىڭغا يېڭى ئۆي سېلىش تەكلىپى بەردى، يەنە ئۇنىڭغا ئۆي بېزەش ئىشچىلىرىنى تېپىپ بەردى.

 كۈنلەر دائىملىق تۇرمۇش ۋە ئائىلىدىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار داۋامىدا خاتىرجەم ئۆتتى، ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ھەر قېتىم شياۋتۇ پولۇ ياكى داپەنجى ئەتكەندە چوقۇم جياڭ شىنجۇڭغا ئېلىپ قوياتتى.

 جياڭ شىنجۇڭمۇ شياۋتۇنىڭ دائىملىق ئەجرىدىن مىننەتدار بولدى. باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئىككىيلەن ئىچكى موڭغۇل، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بازار تەكشۈرۈپ، ئەڭ يېڭى بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كالا، قويلارنى قانۇنىيىتى بويىچە كىرگۈزدى ۋە ساتتى. ھېيت- بايراملاردا ئىككى ئائىلە بىر يەرگە جەم بولۇپ غىزالىنىدۇ، ھەممە بالىغا يېڭى كىيىم- كېچەك ئېلىپ بېرىدۇ ۋە ھېيتلىق پۇل بېرىدۇ.

 شياۋتۇنىڭ خوتۇنى نادىزەم نۇرسۇبات ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدى. «بۇ يىل، بىز 50 مىڭ يۈەنگە ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، ھەر كۈنى ئاپتوموبىل بىلەن بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىمەن، ھەقىقەتەن قولايلىق» دېدى نادىزەم خۇشال ھالدا. شياۋتۇ ھازىر 120 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلۇم بار، دېدى.

 بۇ يىل باھار بايرىمىدا، جياڭ شىنجۇڭ شياۋتۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى، شياۋتۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جياڭ ئاكا، ھەر ۋاقىت تۇرمۇشۇمنىڭ غېمىنى يېدىڭىز، چىن كۆڭلىڭىز بىلەن تۇرمۇشۇمنى ھەقىقەتەن يېڭىلىدىڭىز، ھەقىقەتەن يارايسىز...»

 شياۋتۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئۆي ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى...

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125