تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ھەممە جاي قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى
22:40:46 2025-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، ھەر مىللەت ئامما كوچا ئويۇنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، لوپ ناھىيەسى «يىلان يىلىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، كوچا ئويۇنى ئويناپ بەختكە چۆمۈش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن ناھىيەدىن كەلگەن 28 كوچا ئويۇنى ئورۇنلاش ئەترىتى بىر مەيدان ئېسىل كوچا ئويۇنى ئورۇنلاپ، كۆپچىلىك بىلەن كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى خۇڭگۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بۇ جايغا كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىپ، قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

1- ئاينىڭ 28- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىداچياۋدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. كەچ كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

1- ئاينىڭ 28- كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «福» (بەخت) خېتى چاپلىماقتا. شۇ كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى «تۆت پېشقەدەم»لەرنى يوقلاپ، كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى

1- ئاينىڭ 30- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ بازىرىدىكى شيەنلەي بازىرى كۇەنجەي شياڭزى مەدەنىيەت- ساياھەت پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىستېمال سورۇنلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، ئارام ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى كۈچلۈك بولدى.چېن يەن فوتوسى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى «مىڭ كىشىلىك خوگو زىياپىتى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ مەززىلىك تائاملارنىڭ ھۇزۇرىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى. پولات نىياز فوتوسى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، كىچىك دوستلار ئارال شەھىرىدىكى بىر سەيلە- ساياھەت شادلىق باغچىسىدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى، بالىلار ئەمگەك ماھارىتى ئۆگىنىپ، ئەمگەكنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

 باھار بايرىمى يېتىپ كېلىپ، كىشىلەر ئىناقلىققا تولغان بايرامنى ئۆتكۈزدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ھەممە جاي بايرام شادلىقىغا ۋە ئىناقلىققا چۆمدى.

 ئالتاي تېغى، تىيانشان ئېتىكى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ كەتكەنىدى، كوچىلاردا رەڭدار چىراغلار جۇلالىنىپ، قىزىل پانۇسلار سامانيولىدەك چاقناپ تۇراتتى. كىشىلەر قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلارنى ئارىلاپ، قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار تەدرىجىي باھار تۈسىگە كىردى. كىشىلەر بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، شادىيانە ناخشا- ئۇسسۇللار دولقۇن كەبى مەۋج ئۇرۇپ، بۇ كەڭ تۇپراقنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ باردى.

 ھاۋادا، ئېتىلغان پوجاڭزىلارنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، بۇ، باھار بايرىمىنىڭ پۇرىقى. ئائىلىلەردە، ئاشخانىلاردىكى ئوچاقلاردا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈپ، تاماقلاردىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، بۇ، كىشىلەرنىڭ باھار بايرىمىغا بولغان گۈزەل ئارزۇسى. قىپقىزىل دۇيليەنلەردىكى مەردانىلىككە تولغان جانلىق، كۆركەم ھۆسنخەت سۆز- ئىبارىلىرىدىن بايرام خۇشاللىقى ۋە قىزغىنلىق چىقىپ تۇرغان بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ باھار بايرىمىغا بولغان قىزغىن ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىدا گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، چۈش كەبى مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، ھەربىر كىشىنىڭ چىرايىنى يورۇتتى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى نۇرلاندۇردى.

 تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا، باھار بايرىمى كاتتا مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن مەستخۇش بولدى، مېھرىنى ئۈزەلمىدى. باھار بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشى ۋە قەتئىي ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. ھەربىر تىلەك تۇرمۇشقا بولغان ئەڭ گۈزەل مەدھىيە ناخشىسى، ئۇلار تەسىرلىك داستان بولۇپ توپلىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ نەقىشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125