«چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار- مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئەسەرلىرىدىن تاللانما
22:52:30 2025-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قار- مۇز شادلىقى

«قارلىق دالىدا تېيىلىش»

«قار تېيىلىش مەيدانىدا خۇشال- خۇرام جەم بولۇش»

«قار- مۇز شادلىقى»

 شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قار- مۇز بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى، كۆز يەتكۈسىز قار- مۇز بىلەن قاپلانغان گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھەتچىلىكى، قار- مۇز مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە «چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار- مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇسابىقە كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

 مۇسابىقىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش قىزغىن داۋاملاشماقتا! ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

 بۇ ساننىڭ ئاپتورلىرى: لۈ زىجيې، نيەن لېي، سۈن گوفۇ

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125