ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
«كۆپچىلىك تاپشۇرۇۋالغان مالنىڭ سىندا كۆرگىنى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەتىگەندە، شياۋئەي بىر تەرەپتىن خوتۇنىغا ئامبارغا بېرىپ ماللارنى سېلىشتۇرۇشنى ئەسكەرتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شېرىكى بىلەن شۇ كۈندىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى.
شياۋئەينىڭ ئىسمى ھەمراجان رۇسۇل، بۇ يىل 34 ياش، ئۇ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمىنمودۇن بازىرى نەمىدۇن كەنتىدىن بولۇپ، ھازىر ئىككى بالىنىڭ دادىسى.
«سودا دېڭىزىنىڭ چېكى يوق، سىزگە كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بېرەي، مەن <قىرغاققا چىققان>غا ھېسابمۇ! قاراپ بېقىڭ» دېدى شياۋئەي يۇمۇرلۇق ھالدا چاقچاق قىلىپ.
2015- يىلى شياۋئەي داشۆنى پۈتكۈزۈپ، ئىككى شىركەتكە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، سۇغا چۈشكەن تاشتەك خەۋەر كەلمىدى، شۇڭا ئۇ ئاۋۋال ئۆيىگە قايتىپ پۇرسەت كۈتۈش قارارىغا كەلدى.
نېمە ئىش قىلسام بولار؟ شياۋئەي نەۋرە ئاكىسىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئىككىسى ئۇ يەر- بۇ يەردىن 200 مىڭ يۈەن غەملەپ، بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك قاتارلىق بەزى ئۇششاق تاۋارلارنى توپ تارقىتىپ، توردا ساتتى.
شياۋئەي ھەر كۈنى باش قاتۇرۇپ كېڭەيتىش لايىھەسى تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن تور سىرتىدا مۇقىم خېرىدارى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، بىر يىلغا بارمايلا بارلىق دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.
«ئۇ كۈنلەر بەك تەستە ئۆتتى، پەقەت بىرلا كارىۋات بار ئىجارە ئۆيدە تۇردۇم، بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن بولغان بېرىش- كېلىشنى ئاساسەن ئۈزدۈم. لېكىن، بەختىمگە يارىشا، ھازىرقى خوتۇنۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم» دېدى شياۋئەي.
2017- يىلى ئىككىسى ئىجارە ئۆيدە توي قىلدى. شياۋئەي ئازراق پۇل قەرز ئېلىپ، بىر تاللا بازىرى ئاچتى. كۈندۈزى مال يەتكۈزسە، كەچتە داۋاملىق ئاممىۋى سۇپىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ماللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدە ۋىيشىن سودىسى قىلدى.
2019- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۇ دوستى بىلەن كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسى بويىدا سۈرەتكە ئالغان بىر كۈلكىلىك سىن تۇيۇقسىز ئالقىشلىنىپ، قويۇلۇش مىقدارى 750 مىڭغا يەتتى. «مەن ھاياجانلانغانلىقىمدىن بىر كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، ئۈمىد ئالدىمدىدەكلا تۇيۇلدى.» شياۋئەي مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ روھلىنىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان سىنلارنى ئىشلەشكە باشلىدىم. ئارتىس بولمىسا، خوتۇنۇم ۋە ساۋاقداشلىرىمنى ياردەمگە چاقىردىم؛ سەھنە جابدۇقلىرى بولمىسا خىش، قەغەز يەشىك، ياغاچ تاختايلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتتىم.
2022- يىلى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك قىسقا تىياتىرلار ئارقىلىق، شياۋئەي دوۋيىن، كۇەيشوۋدا 300 مىڭدىن ئارتۇق مەستانە توپلىدى. شۇ يىلى، شياۋئەي كورلا شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كىرىپ ماكانلاشتى. بۇ جايدا ئۆي ئىجارىسى ھەقسىز، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولۇپ، ھەر يىلى بازا يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى سۇجوۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەيدىكەن. بۇ، ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەن شياۋئەي ئۈچۈن ئېيتقاندا دەل ۋاقتىدا بولدى.
شياۋئەينىڭ دوۋيىن، كۇەيشوۋدىكى مەستانىلىرى ناھايىتى تېزلا 2 مىليوندىن ئېشىپ، ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، شياۋئەي يەنە شىركەتتىن بىرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ھەسەلچى دېھقانلار، ئالقات پىششىقلاش زاۋۇتى، گۈلقەنت زاۋۇتى قاتارلىقلار بىلەن خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان «مەززەباغ» تاۋار ماركىسىنى چاپلاپ ساتتى.
شياۋئەي شىركىتىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە ئىشكاپىدا، مۇخبىر «مەززەباغ» ماركىسى چاپلانغان ھەسەل، ئالقات قىيامى، گۈلقەنت قاتارلىق 30 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى كۆردى.
2024- يىلى، شياۋئەي ھەمكارلاشقان ھەمراھى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كورلا شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدا تور رىياسەتچىسى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە كورلا شەھىرىدە 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مال ئۆتەڭ ئامبىرى قۇرۇپ، جياڭسۇنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەمدە تۈرلۈك ماللىرىنى كىرگۈزۈپ شىنجاڭ بازىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شياۋئەي تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 500دىن ئارتۇق رىياسەتچى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتتى.
ھازىر، شياۋئەينىڭ مەستانىلىرى 3 مىليوندىن ئاشتى، تەربىيەلىگەن 200دىن ئارتۇق رىياسەتچى كۇرسانت ئۇنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شياۋئەي مۇنداق دېدى: «مەن <قىرغاققا چىقىپتىمەنمۇ؟> مەن مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى باشلاپ ساياھەتكە بېرىپ، ئۇلارنىمۇ بىر- بىرلەپ <قىرغاققا چىقىرىمەن>».