دورا ئىچكەندە بىر ئىستاكان قىزىق سۇ كاپسۇلنىڭ ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كاپسۇلنى قىزىق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئۇنىڭ قېپى ئاسانلا يۇمشاپ قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ، زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر يۇمشىغان كاپسۇل ئاشقازانغا يېتىپ بېرىپ، تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان دورىلارنى قويۇپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا كاپسۇل دورىنى ئىلمان ياكى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش لازىم، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئاۋاز مەنبەسى: شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 107.4 قاتناش- سەنئەت رادىيوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)