ما شىڭرۇي باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى
«14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، زاۋۇت- كارخانىلار، تۈر نەق مەيدانى، چېگرا پورتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي تايكېشكېن پورتى دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدە، بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى يوقلىماقتا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىماقتا. جاڭ تاۋ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، زاۋۇت- كارخانىلار، تۈر نەق مەيدانى، چېگرا پورتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالتە ناھىيە، بىر شەھەرنى ئايلىنىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلدىكى تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت- شىجائەت بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، تۈرلەرنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى گاۋدېڭسەي 6GWH لىتىيلىق باتارېيە PACK كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، ئالتاي ۋىلايىتى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى پونكىتى، بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نۇقتىلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ئۈنۈمىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېخىمۇ مۇقىم، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ما شىڭرۇي يەنە ۋاڭيۈەن گۇرۇھى تۆگىچىلىك زامانىۋى كەسىپ باغچىسىغا كېلىپ، كارخانىنى ناھىيە رايونىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشلامچى كارخانىنىڭ خاس يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆگىچىلىك كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە، ما شىڭرۇي بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كانچىلىق كارخانىلىرى ۋە تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چىڭگىل ناھىيەسىدە مېڭكې ئېنېرگىيە شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ناھىيە ئىچىدىكى نۇقتىلىق كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كوكس كۆمۈرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مىس، ئالتۇن، نىكېل قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە مېتال قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ قابا ناھىيەسىدە جېڭيۈەن گوجى كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى پائال يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، گېئولوگىيەلىك چارلاش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارغا ئالاقىدار چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
تايكېشكېن پورتىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، پورتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش، مال ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش ۋە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تىجارەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئارىلىقتا، ما شىڭرۇي تاموژنا، يول تىرانسپورتى، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش خىزمەتچى خادىملىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنى ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي يەنە جېمىنەي دۆلەت دەرىجىلىك چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا كېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شىنپۇيۈەن ئىمپورت- ئېكسپورت سودا شىركىتىگە كېلىپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىلارنى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
قىش پەسلىدىكى ئالتايدا قار- مۇز ساياھىتى قىزىپ كەتكەنىدى. ما شىڭرۇي ئالتاي تېغى يېكاشيا دالا قار باغچىسى ۋە جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە قار- مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ دۇنيا قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار- مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا، ئولتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، مەۋقەنى رايون بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈك ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش، ئەۋزەل ساھەلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت، چېگرا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق سۇپا- ۋاسىتىلەرنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى، يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا تەرەققىيات يېڭى مەنزىلى ئېچىش كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات تىرىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. سېلىنمىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق، تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، مۇمكىنچىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرى، چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك قۇۋۋىتىنى يارىتىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىشنى باشلاش بىلەنلا ئاتاكىغا ئۆتىدىغان» جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)